لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەقايەت — مېغىز؛
- نەقايىس — ؛«نەقىسە»نىڭ كۆپلۈكى: نۇقسانلار ، قۇسۇرلار ، كەمچىلىكلەر ، ئەيىپلەر؛
- نەقب،نەقبە — تۆشۈك ، لەخمە ، يەر ئاستى يول ، تېشىش ، تۆشۈك ئېچىش؛ [نەقب ئۇرماق --- يەر قازماق]؛
- نەقبرو — لەخمە ئىچىدە يۈرگۈچى؛
- نەقبزەن — لەخمە كولىغۇچى ، يەر قازغۇچى؛
- نەقد — تاللانغان ، خىللانغان ، سايلانغان ؛ پاك ، خالىس ، ساپ ؛ قىممەت باھا نەرسەلەر؛ نەق پۇل، ئاقچا ؛ قىممەت باھالىق تەييار ئەش
- نەقدجۇلۇغ — ئەشيالارنى تەخ قىلدۇرۇش ، نەرسەلەرنى تەخ قىلىپ تەييارلىتىش؛
- نەقدۇلفەنج — كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان ناز - خۇلق ، غىلجىڭلىق ، ئاشكارا ناز -كەرەشمە؛
- نەقدى ئامانەت — ئامانەت قويۇلغان قىممەتلىك نەرسە؛
- نەقدى قەلب — يالغان پۇل ، ئۆتمەس پۇل؛
- نەقدىنە — نەق پۇل ، ئولجا ، غەنىيمەت؛ قىممەتلىك مال؛
- نەقرات(نىقرات)؛ — ناخشا - غەزەلنىڭ بىر كۇبلىتىدىن كېيىنكى تەكرارلانغان قىسمى؛ قايتۇرما؛
- نەقش — ؛(1) نەقىش ، سىزما ، گۈل؛ كەشتە؛ [نەقش باسماق --- گۈل چەكمەك ، گۈل باسماق]؛ [نەقش تارتماق --- سىزماق ، گۈل چىقارماق؛ تەس
- نەقشباز — ئويۇنچى ، ھىيلىگەر ، نەيرەڭۋاز؛
- نەقشبەند — نەقىشچى ، گۈل چەككۈچى ، نەقىش ئويغۇچى ، نەققاش؛ نەقشبەندلەر مەزھىپىنىڭ ئىجادچىسى ، خوجا بەھائۇددىننىڭ لەقىبى؛
- نەقشبەندىيە — خوجا بەھائۇددىن نەقشبەند تەرەپىدىن يولغا قويۇلغان سوپىلىق مەزھىپى؛
- نەقشبىن — نەقىشكە قارىغۇچى ، سۈرەتكە قارىغۇچى ، بىر ئىشقا يۈزەكى قارىغۇچى ، سىرتقى شەكىلگە قاراپلا باھا بەرگۈچى؛
- نەقشپەيۋەند — نەققاش ، نەقىشلەنگەن ، نەقىشلىك؛ كۈي ئىجادچىسى؛
- نەقشساز/ نەقشپەرداز — نەققاش ، نەقىش قويغۇچى ، رەسسام ، گۈل چەككۈچى؛
- نەقشگىر — نەققاش ،نەقىش چىقارغۇچى؛
- نەقشۇ ئەمەل — كۈي ، ئاھاڭ ، ناخشا؛ [نەقشۇ ئەمەل باغلاماق --- كۈي ئىجاد قىلماق]؛
- نەقشى چىن — چىرايلىق نەقىش ، ئىنتايىن زىننەتلىك رەسىم ، چىن نەقىشى؛
- نەقشى خاتەم — مۆھۈرگە ئويۇلغان خەت ؛ ئۈزۈك كۆزىگە ئويۇلغان نەقىش؛
- نەققاب — قازغۇچى ، تەشكۈچى ، تۆشۈك ئاچقۇچى؛