لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەۋجۇۋان — ياش كىشى؛ ياش يىگىت؛
- نەۋخىز — يېڭى ئۆسۈپ يېتىشىۋاتقان؛ [سەرۋى نەۋخىز --- يېڭى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان سەرۋە]؛
- نەۋدەمىدە — يېڭى ئېچىلغان ، يېڭى ئۈنۈپ چىققان ، باراخلاپ تۇرغان، سولاشمىغان؛
- نەۋرە — بالاسىنىڭ بالالارى؛ 3 - ئەۋلات؛
- نەۋرەس / نەۋرەستە — يېڭى ئۆسۈپ يېتىشىۋاتقان ، ياش نوتا ؛ يېڭى يېتىلگەن ئۆسمۈر؛
- نەۋروز — كونا شەمسىيە كالېندارى بويىچە يېڭى يىل كىرگەن كۈن بولۇپ ، مىلادىيە 3 - ئاينىڭ 21 -كۈنىگە توغرا كېلىدۇ ، يېڭى يىل بايرامى
- نەۋروزىي — بىر خىل باش كىيىمىنىڭ نامى؛
- نەۋسەفەر — يېڭىدىن سەپەرگە ئاتلانغان ، ئەمدىلا يولغا چىققان؛
- نەۋشادىر / نۇشادىر — تۆشۈدۈر؛
- نەۋقىران — ياش يىگىت؛ يىگىتچاق؛
- نەۋكەر — خادىم ، خىزمەتچى ؛ ھۆكۈمدارنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگۈچى ؛ ئەسكەر؛
- نەۋكەرلىك — خادىملىق ، ئەسكەرلىك؛
- نەۋم — ئۇيقۇ؛
- نەۋمىد / نومىد — نائۈمىد ، ئۈمىدسىزلىك؛ [نەۋمىد ئولماق --- ئۈمىدسىزلەنمەك ، ئۈمىد ئۈزمەك]؛
- نەۋمىدلىق — ئۈمىدسىزلىك؛
- نەۋھە — ئۈن سېلىپ يىغلاش ، قاتتىق يىغا ، نالە ؛ ھۇلاش؛ [نەۋھە ئەيلەمەك، نەۋھە ئەتمەك --- ئۈن سېلىپ يىغلىماق]؛ [نەۋھە تارتماق ---
- نەۋھە پەرداز — نالە قىلغۇچى ، ئۈن سېلىپ يىغلىغۇچى؛
- نەۋھە سازليغ — ئۈن سېلىپ يىغلاش؛
- نەۋھە كوكى — ماتەم مۇزىكاسى ، ئۆلۈمدە چېلىنىدىغان مۇزىكا؛
- نەۋھەساز — ئۈن سېلىپ يىغلىغۇچى ، نالە قىلغۇچى؛
- نەۋھەگەر — ھۆركىرەپ يىغلىغۇچى ، ئۈن سېلىپ يىغلىغۇچى؛
- نەۋىد — خۇش خەۋەر ، شادلىق خەۋىرى ، ماقۇل بولۇش ، ئۇناش؛
- نەۋىس — سۆز بىرىكمەلىرىدە كېلىپ ، يازغۇچى ، كۆچۈرگۈچى ، دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۈ؛ [خۇش نەۋىس --- چىرايلىق يازىدىغان ئادەم ، خەت
- نەۋىسەندە — خەت يازغۇچى ، كاتىپ ، يازغۇچى؛