لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەسرى ۋاقىئ — بۈركۈت شەكلىدەكى يورۇق يۇلتۇز؛
- نەسرىن ئۇزار — ئاق يۈزلۈك ، گۈزەل يۈزلۈك؛
- نەسرىن/نەستەرەن — ئاق ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈل؛
- نەسرىنبەر — ئاق بەدەن ، چىرايلىق بەدەن ؛ كۆچمە مەناسى: گۈزەل ، دىلبەر؛
- نەسس — دەلىل ، ھۆججەت ، ئوچۇق بايان ؛ تېكىست؛
- نەسساج — توقۇمىچى ، توقۇغۇچى؛
- نەسساجەت — توقۇمىچىلىق؛
- نەسل — كېيىنكى ئەۋلادلار ، نەۋرە - چەۋرىلەر ، پۇشت ، تۈپ ، تومۇر ، ئەسل؛
- نەسناس — نەسناس"ئادەمسىمان چوڭ مايمۇن" قۇيرۇقسىز مايمۇنلارنى كۆرسىتىدىغان ئومۇمىي ئاتالغۇ بولۇپ، ھومىنىد ئائىلەسىگە تەۋە (گورىللا
- نەسۇھ — چىن كۆڭلىدىن ، ساپ ، خالىس ؛ سادىق ، ساداقەتمەن؛ [تەۋبەئى نەسۇھ --- چىن كۆڭۈلدىن قىلىنغان توۋا؛
- نەسىب — ھەسسە ، ئۈلۈش ، پاي ؛ تەلەي، بەخت؛
- نەسىپ(نىسىۋە)؛ — ھەسسە؛ ئۈلۈش؛ تېگىشىلىك؛
- نەسىج — كىيىم ئۈچۈن توقۇلغان رەخت ، توقۇلما؛
- نەسىر — Prose (ئىسىم)-- ئاددىي گەپ-سۆز شەكلىدە، ئاھاڭ-مۇزىكاسىز، قاپىيە ۋە ئۆلچەمسىز يېزىلغان ئەدەبىي ۋە ئەدەبىي ئەمەس تىل شەكلى
- نەسىر(نەسرى)؛ — تىزىلمىغان؛ تارقاق؛ چاچما؛ پىروزا؛ سۆز بىلەن يېزىلغان قاپىيىسز ئەسەر؛
- نەسىل — ئۇرۇق - ئەۋلات؛ بالالارى؛
- نەسىمە/سەباھەت — ؛[ئەياز-- غۇر - غۇر شامال ، سەلكىن]؛ [بادى سەبا/بادى ساباھ --- تاڭ شامىلى]؛ [سەبا(سەباھ/سەباھەت)-- يېنىك چىققان غۇر-غۇر
- نەسىمى تەھەررۇكى — مەيىن شامالنىڭ ئېسىشى؛
- نەسىمى سەبا — شەرقتىن ئەسكەن مەيىن شامال؛
- نەسىمى شەبگىر — تۈن شامىلى ، كېچىدە ئەسكەن شامال؛
- نەسىمى ۋەززان — ئېسىپ تۇرغان شامال؛
- نەسىھەتشۇنەۋ — نەسىھەت ئاڭلىغۇچى ، نەسىھەت ئالغۇچى؛
- نەسىھەتگۇي/ نەسىھەتساز — نەسىھەتچى ، نەسىھەت قىلغۇچى ، يوليورۇق كۆرسەتكۈچى؛
- نەشئە — مەستلىك ؛ كەيپ ، ھاياجان ؛ ھۇزۇر - ھالاۋەت؛