لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەزمى كەلام — سۆز تەرتىپى؛
- نەزىر — ئوخشاش ، بىر خىل ؛ تەڭ ، باراۋەر ؛ مىسال؛ [بى نەزىر --- مىسلىسىز ، تەڭداشسىز ]؛
- نەزىرە — نەزىرە ، سەدەقە؛
- نەزىم — سۆزلەر تىزىغى؛ شېئىر؛ بېيىت؛ ۋەزىن ۋە قاپىيىگە سېلىنغان سۆز؛ تەرتىپكە كەلتۈرۈش؛تىزماق؛
- نەزىھ/نىزىھ — پاك ، تازا ، ساپ؛
- نەژاد — نەسىل ، نەسەپ ، كېلىپ چىقىش؛ [ھىندۇ نەژاد --- ھىندى ئەۋلادى ، ھىندى نەسلىدىن]؛
- نەژەند — غەملىك ، غەمكىن ؛ پەس ، خار؛ [نەژەند ئولماق --- خار بولماق]؛
- نەس — كېلىشمەسلىك؛ پالاكەت؛ دومىلە باسماق؛
- نەسائىم/نەسايىم — ؛«نەسىم»نىڭ كۆپلۈكى : مەيىن شاماللار ، يېقىملىق شاماللار ،تاڭ شاماللىرى؛
- نەسائىمۇلمۇھەببەت — مۇھەببەت شاماللىرى؛ [نەسائىمۇلمۇھەببەت مىن شەمائىمىلفۇتۇۋۋەت ---مەردانىلىق خۇش پۇراقلىرىنى كەلتۈرگەن مۇھەببەت شاماللىرى
- نەسايىھ — ؛«نەسىھە»نىڭ كۆپلۈكى : نەسىھەتلەر؛ [نەسايىھى مۇفىدە ---پايدالىق نەسىھەتلەر]؛ [نەسايىھ سەنايىھ --- ئۆتكۈر نەسىھەتلەر]؛
- نەسايىھى سەنايىھ — تەسىرلىك نەسىھەتلەر؛
- نەسەب — كېلىپ چىقىش ، قانداشلىق مۇناسىۋەت ، ئۇرۇق؛
- نەسەبەن — نەسىل - نەسەب جەھەتتە ، قانداشلىق جەھەتتە ، ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتى بىلەن؛
- نەسەبنامە — دەرەخنىڭ غولى بىلەن ئۇنىڭ شاخ ۋە شاخچىلىرى تەقلىدىدە سىزىلغان ئىسخېما؛ مۇنداق ئىسخېمىدا كۆپىنچە بىر ئاتىدىن بولغان جەمەت
- نەسەپ — ئائىلەنىڭ تېگى - تەكتى؛ نەسلى؛ تەۋە بولغان ئۇرۇق - ئەۋلات ئەنئەنەسى؛
- نەسەق — تەرتىپ ، رەت ، ئىنتىزام؛ تەرز ، يۇسۇن ، رەۋىش؛
- نەسب — تىكلەش ، تۇرغۇزۇش ، بىرەر مەنسەپكە تەيىن قىلىش؛ [نەسب قىلماق --- تىكلىمەك ،تۇرغۇزماق ؛ ئەمەل بەرمەك ، ئەمەلگە تەيىنلىمەك
- نەستاران — ئاق ئېچىلىدىغان بىر خىل گۈلنىڭ نامى؛
- نەسج — توقۇش؛ توقۇلما؛
- نەسخ — بىكار قىلىش ، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، ئۆچۈرۈپ تاشلاش ؛ ئۆزگەرتىش؛ ئەرەب يېزىقىنىڭ بىر خىل يازما شەكلى؛ [نەسخ كافىي --- نەسخ
- نەسخىي — نەسخ (ئەرەبچە خەتنىڭ بىر خىل يېزىلىش شەكلى ) ئۇسۇلىدا يېزىلغان؛ [خەتتى نەسخىي ----- نەسخىي ئۇسۇلىدا يېزىلغان خەت]؛
- نەسر — ؛(1) تىزىلمىغان ، تارقاق ؛ چاچما ئەسەر ، پىروزا ؛ (2) بۈركۈت؛ (3) زەپەر ، غەلىبە ، غالىبىيەت ؛ ياردەم ، ھەمكارلىق؛
- نەسرى تايىر — بۈركۈت ؛ بۈركۈت شەكىللىك دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغان بىر يۇلتۇزنىڭ نامى . «ئۇقاب»دەپمۇ ئاتىلىدۇ ؛