لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەرم — يۇمشاق، سىلىق ، ئىللىق ، مۇلايىم؛
- نەرم رو — يۇمشاق تەبىئەتلىك . مۇلايىم خاراكتېرلىك؛
- نەرمرەفتار — يورغا ، يورغىلاش ، سىلىق مېڭىش؛
- نەزئ — ئېلىش ، يۇلۇپ ئېلىش ؛ كۆچمە مەناسى: جاننى ئېلىش ، جان بېرىش؛
- نەزارە — نازارەت قىلىش ؛ قاراش ، كۆز سېلىش؛
- نەزارەت — كۆزدىن كەچۈرۈش ، كۆز تاشلاش ، قاراش ؛ نازارەت قىلىش ،كونترول قىلىش؛
- نەزافەت — پاكىزلىق ، تازىلىق ، پاكلىق ، ساپلىق؛
- نەزاكەت — نازۇكلۇق ، مۇلايىملىق ؛ ئەدەپ ، تەربىيە؛
- نەزاھەت — ساپلىق ، پاكلىق؛ پاكىزلىق ، تازىلىق؛
- نەزايىرخان — مەدداھ ياردەمچىسى ، ۋائىز (ۋەز ئېيتىقۇچى) شاگىرتى ؛
- نەزەرباز — ناز بىلەن قارىغۇچى ؛ غەمزە قىلغۇچى؛ قاش - كۆزىنى ئويناتقۇچى؛
- نەزەربازلىغ — ناز بىلەن قاراش؛
- نەزەربەند — (ئەسلى مەناسى - كۆز بىلەن باغلاش)ئەركىن ھەركەت قىلىشىنى چەكلەپ قويماق؛ئارقاسىغا كىشى سېلىپ قويۇش ؛ توختىتىپ قويۇش؛
- نەزەرگاھ — نەزەر تاشلىنىدىغان جاي ، تاماشا قىلىنىدىغان جاي؛
- نەزەرىيەۋى — Theoretical(ئىسىم)--ئەمەلىي تەجرىبە ياكى قوللىنىشقا ئەمەس، بەلكى نەزەرىيە، ئابستراكت پىكىر ۋە ئىدىيەگە ئاساسلانغان، يەنى
- نەزر — ۋەدە ، ۋەدە بېرىش ؛ بىرەر ئىشنى بېجىرىشنى ئۆزىگە شەرت قىلىش ، بىرەر ئىشنى بېجىرىش قارارىغا كېلىش؛
- نەزرەت — كۆركەملىك ، گۈزەللىك ، روناق تېپىش ، بېيىش ، گۈللىنىش ،لەتابەت؛
- نەززارە — تاماشىبىن ؛ تاماشا، قاراش ، نەزەر تاشلاش؛
- نەززارەگەر — قارىغۇچى ، نەزەر تاشلىغۇچى ، كۆز سالغۇچى ؛ تاماشىچى ،تاماشىبىن؛
- نەزم — تۈزۈم ، تەرتىپ ، تەرتىپكە سېلىش ؛ تېرىش ، تىزىش (مەسىلەن : مارجان ۋە مەرۋايىتلارغا ئوخشاش نەرسەلەرنى يىپقا تىزىش)، ۋەزىن
- نەزمسالىغ — شائىرلىق؛
- نەزمكىش — شائىر ؛
- نەزمۇل جەۋاھىر — جەۋھەرلەر تىزمىسى؛
- نەزمۇلجەۋاھىر — جەۋھەرلەر تىزمىسى (نەۋائىي ئەسەرلەردىن بىرى) ؛