لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نەخلى ناز — ياش قارىغاي دەرەخى؛ كۆچمە مەناسى: يارنىڭ قامىتى؛
- نەخلىستان — خورمىزار؛
- نەخىل — خورما دەرەخى؛ كۆچمە مەناسى: پەرزەنت؛
- نەدامەت — پۇشايمان ، ئەپسۇسلۇق؛ [نەدامەت تاپماق --- پۇشايمان يېمەك ، ئەپسۇسلانماق]؛
- نەدامەتلىغ — پۇشايمانلىق ، ئەپسۇسلۇق؛
- نەداۋىر — يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى؛
- نەدەم — پۇشايمان ،نادامەت؛
- نەدرەت — نادىرلىق، بىباھالىق؛
- نەدىم — خاس خىزمەتكار ، مەھرەم ، ھەمسۆھبەت ، ئۈلپەت ، دوست؛
- نەدىمۋەش — ئۈلپەتلەرچە ، ھەمسۆھبەت كەبى ؛ خۇشچاقچاق؛
- نەدىي — سېخى ، ئوچۇق قول ، كەڭ قورساق؛
- نەدىيۋار — سېخىيلىق بىلەن ، سېخىيلارچە؛
- نەرە — ۋاقىرىماق؛
- نەرخ — نەق ، باھا، مال باھاسى ، بازار باھاسى؛
- نەرد — نەرد ئويۇنى (15 تال ئۇرۇق بىلەن ئوينىلىدىغان بىر خىل ئويۇن)؛
- نەردبان — شوتا ؛ پەلەمپەي؛
- نەرراد — نەرد ئوينىغۇچى؛ كۆچمە مەناسى: قىمارۋاز؛
- نەررە — ئەركەك؛ [نەررە دىۋ --- ئەركەك دىۋە ، بەتبەشىرە دىۋە]؛ [نەررە شىر --- ئەركەك شىر]؛
- نەركەس — چىرايلىق بىر خىل گۈل؛ بوتا كۆز دەپ ئاتىلىدىغان گۈل؛ مەھبۇبەنىڭ گۈزەل يۈزى؛
- نەرگىس — نەرگىس گۈل ، بوتا كۆز گۈل . ئېچىلغان گۈلى كۆزگە ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ، ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئوخشىتىش يولى بىلەن كۆز مەن
- نەرگىسزار — نەرگىس گۈلزارى؛
- نەرگىسى جادۇ — سېھىرلىك كۆز؛
- نەرگىسى شەھلا — چىرايلىق قارا كۆز ، شەھلا كۆز؛
- نەرگىسى نىمخاب — يېرىم ئۇيقۇدىكى كۆز ، خۇمار كۆز؛