نەسىر
مەنىسى
Prose (ئىسىم)-- ئاددىي گەپ-سۆز شەكلىدە، ئاھاڭ-مۇزىكاسىز، قاپىيە ۋە ئۆلچەمسىز يېزىلغان ئەدەبىي ۋە ئەدەبىي ئەمەس تىل شەكلىنى بىلدۈرىدۇ. نەسىر شېئىردىن پەرقلىق ھالدا تەبىئىي، ئەركىن ئۇسۇلدا يېزىلىپ، رومان(ئۇزۇن نەسرىي ئەسەر)، ھېكايە(قىسقا نەسرىي ئەسەر)، ماقالە(پىكىر،تەھلىل يازمىسى)، پوۋېست(ئوتتۇرا ئۇزۇنلۇقتىكى ھېكايە)، نوۋېللا(پوۋېستقا يېقىن،بىراق قىسقاراق)، ئەسلىمە(مېمۇرا--ئۆتكەن ھايات خاتىرەسى)، بىئوگرافىيە(شەخسنىڭ ھاياتى)، ئاپتوبىئوگرافىيە(ئۆز ھاياتىنى ئۆزى يېزىش)، سەپەرنامە(ساياھەت ھەققىدىكى يازما)،ئېسسىي(ئەركىن پىكىر بايانى)، خەت، تارىخ كىتاب قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈپەت شەكلى "Prosaic" (نەسىر شەكلىدەكى، ئاددىي)، قارشى ئىسىم "Poetry/Verse" (شېئىر، نەزىم)؛ سىنونىمى: "Writing" (يېزىق)، "Text" (تېكست) بولۇپ، ئانتونىمى: "Poetry" (شېئىر)، "Verse" (نەزىم)، "Rhyme" (قاپىيە)؛
- ئىنگلىزچە
- Prose
- تۈركچە
- Nesir, düz yazı
- خەنزۇچە
- 散文