لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇھافەزەت(مۇھافەزە) — ساقلاش ، قوغداش ؛ ئاسراش؛
- مۇھافىز — مۇھاپىزەت قىلغۇچى ، قوغدىغۇچى ، ساقلىغۇچى ، پاسىبان؛
- مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين — ئىككى تىل توغراسىدا مۇھاكىمە ؛ نەۋائىينىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى؛
- مۇھاكىمە — Discussion(ئىسم)--بىرەر تېما، مەسىلە ياكى پىكىر ھەققىدە ئىككى ياكى كۆپ كىشىنىڭ بىر-بىرى بىلەن سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇ
- مۇھال — مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ، ئەقىلگە سىغمايدىغان ، خىيالىي ، تۇترۇقسىز ، ئاساسى يوق؛
- مۇھالات — ؛«مۇھال»نىڭ كۆپلۈكى : ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ، ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلار؛
- مۇھاۋەرە، مۇھاۋەرەت — بىر - بىرى بىلەن سۆزلەشىش ، سوئال - جاۋاب قىلىش ،گەپلىشىش؛
- مۇھاۋىر — سۆھبەتداش ؛ مۇنازىرىلەشكۈچى؛
- مۇھەببەت — ئاشىق؛
- مۇھەددەب — دۆڭ ؛ چوقچايما ، قاپارما ؛
- مۇھەددىس — سۆزلەگۈچى ، ھېكايە قىلغۇچى ؛ ھەدىس بىلگۈچى ، ھەدىس سۆزلەگۈچى ؛
- مۇھەررا — ياخشى پىشقان ، ياخشى يېتىلگەن؛ [مۇھەررا قىلماق --- يۇمشاق پىشۇرماق ، ياخشى پىشۇرماق]؛
- مۇھەررەرات — ؛«مۇھەررەر»نىڭ كۆپلۈكى : ھۆججەتلەر ، خەت -چەكلەر ، خەت - ئالاقىلەر؛
- مۇھەررەف — بۇرمىلانغان ، خاتا چۈشەندۈرۈلگەن ، مەناسى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن؛ سۆز ئوينىتىش ، خەت تېپىشمىقى؛
- مۇھەررەم — ھىجرىيە (قەمەرىيە ) كالېندارى بويىچە بىرىنچى ئاينىڭ نامى؛
- مۇھەررىر — ئاپتور ، يازغۇچى ؛ تەھرىر؛
- مۇھەررىك — ھەرىكەتلەنگۈچى ، ئايلانغۇچى ، ھەرىكەت قىلغۇچى ، قوزغاتقۇچى ،قۇتراتقۇچى ، ئىش تېرىغۇچى؛
- مۇھەسسەل — ماھىيەت ، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە ؛ ھاسىل قىلىنغان؛
- مۇھەسسىل — ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى ، تەلەپكار ، ئوقۇغۇچى ؛ ئىئانە توپلىغۇچى ، سېلىق يىغقۇچى، باجگىر ؛ باشقۇرغۇچى؛
- مۇھەققەت — چوقۇم؛ مۇتلەق؛ ئەلۋەتتە؛
- مۇھەققەر — كەمسىتىلگەن ، پەس كۆرۈلگەن ، پەس ؛ تايىنى يوق ، ئەرزىمەس ،ئەھمىيەتسىز ؛
- مۇھەققەق — تەھقىقلەنگەن ، توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ؛ راست ، دۇرۇس ، توغرا ،ھەقىقىي؛
- مۇھەققىق — بىر نەرسەنىڭ ھەقىقىتىنى تەكشۈرگۈچى ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغۇچى ، تەتقىقاتچى؛
- مۇھەللا — پەردازلانغان ، بېزەلگەن ؛ ھەللەنگەن ، ھەل بېرىلگەن؛