لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇھەممەت — ماختالغان؛ تەرىپلەنگەن؛
- مۇھەندىس — ئىنژېنېر ؛ ھەندەسە (گېئومېتىرىيە )نى ياخشى بىلگۈچى ؛ قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى ، بىناكار ئۇستا؛ تېخنىكادىن ئالى بىلىمگە ئىگە ب
- مۇھەندىسۋار — مۇھەندىستەك ، مۇھەندىسكە ئوخشاش؛
- مۇھەندىسۋەش — مۇھەندىستەك ، مۇھەندىسكە ئوخشاش ؛
- مۇھەۋۋەتە — ئوراپ ئېلىنغان ، قورشالغان ، ئىھاتىلەنگەن يەر ؛ قورۇ ، ھويلا؛
- مۇھەۋۋىس — ھەۋەسلەندۈرگۈچى ، قىزىقتۇرغۇچى؛
- مۇھەييا — تەييار ، تەييارلانغان ؛ تەخلەنگەن ، تەخ؛ [مۇھەييا ئەيلەمەك، مۇھەييا قىلماق، مۇھەييا ئەتمەك --- تەييارلىماق ، ھازىرلىماق]
- مۇھتاج — ھاجەتمەن ، ئېھتىياجلىق ؛ كەمبەغەل؛
- مۇھتاج ئىلەيھى — مۇھتاج بولغان نەرسە ، ئېھتىياچ چۈشكەن نەرسە؛
- مۇھتاجۇن — ؛«مۇھتاج»نىڭ كۆپلۈكى : مۇھتاجلار ، ھاجەتمەنلەر ،كەمبەغەللەر؛
- مۇھتەدىي — توغرا يولدا ماڭغۇچى ، ھىدايەت تاپقۇچى؛
- مۇھتەرەم — ھۆرمەتلىك ، ئەزىز ، ئېتىبارلىق؛
- مۇھتەرىق — كۆيگەن ، يانغان ، ئوت تۇتاشقان؛
- مۇھتەزەر — ئۆلەي دەپ قالغان ، ئۆلۈشكە ئاز قالغان ، سەكراتتىكى؛
- مۇھتەزىر — ؛(1) ئېھتىيات قىلغۇچى ، ھەزەر ئەيلىگۈچى ؛ ساقلانغۇچى ، ئامان قالغۇچى؛ (2)شەھەر ئاھالەسى ، شەھەرلىك؛
- مۇھتەسىب — ئېھتىساپ قىلغۇچى ، شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنى تەكشۈرگۈچى ، بازاردىكى ئۆلچەم ۋە نەرخ - باھا ئۈستىدىن نازارەت قىلغۇچى؛
- مۇھتەشەم — ھەشەمەتلىك ، ھەيۋەتلىك؛
- مۇھتەمەل — ئېھتىمالدىن يىراق بولمىغان ، بولۇش ئېھتىمالى بولغان ،مۇمكىن بولغان؛
- مۇھتەۋى — ئۆز ئىچىگە ئالغان ، تەركىبىدىكى؛
- مۇھدەس — يېڭىدىن يارىتىلىغان ، كېيىن پەيدا بولغان؛ [مۇھدەس قىلماق --- يېڭىدىن ياراتماق ، يېڭىدىن پەيدا قىلماق؛
- مۇھدىس — ئىگىلىك تىكلىگۈچى ، يېڭىلىق ياراتقۇچى ، ئىجادكار؛
- مۇھر — تامغا ، مۆھۈر؛ [بادامە مۇھر --- بادام شەكلىدە ياسالغان تامغا ، بادام شەكىللىك مۆھۈر]؛ [مۇھر قىلماق --- مۆھۈرلىمەك ، تامغ
- مۇھرە — يۇمىلاق نەرسە ، ساقا ، مۇنچاق ، تەسبىھ ؛ شاھمات ئۇرۇقى؛ بىر نەرسەگە چۈشۈرۈلگەن نەقىش؛
- مۇھرە باز — نەيرەڭۋاز ، كۆز باغلىغۇچى ؛ ئالدامچى ؛ شاھماتۋاز؛