لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇنقەلىب — ئۆزگەرگەن ، ئۆزگەرگۈچى ، ئاغدۇرۇلغان ؛ شىددەتلىك ، كەسكىن؛
- مۇنقەلىپ — ئۆزگىرىشچان؛
- مۇنكىر — ئىنكار قىلغۇچى ، تانغۇچى ، رەت قىلغۇچى ، قوبۇل قىلمىغۇچى؛ [مۇنكىر بولماق --- تايانماق ، ئىنكار قىلماق]؛
- مۇنھەت — پەسلەشكەن ، پەسلىك ، تۆۋەنلىك؛ كۆچمە مەناسى: يەر ، يەر ئاستى؛
- مۇنھەدىم — ۋەيران بولغان ، غۇلىغان ، يىقىلغان ، ئۆرۈلگەن؛ [مۇنھەدىم بولماق --- ۋەيران بولماق ،ئۆرۈلمەك ، يىقىلماق]؛
- مۇنھەرپ — ئىگىلگەن؛
- مۇنھەرىف — قىڭغايغان ، قايرىلغان ، ئېگىلگەن ، قىيسايغان ؛ ساقسىز ، كېسەل ، ئاغرىق ؛ ئاسىي ،ئاسىيلىق قىلغۇچى؛
- مۇنھەزىم — مەغلۇپ بولغان ، تارمار بولغان ، يېڭىلىپ تىرە - پىرەن بولغان ،تارقالغان؛
- مۇنھەسىر — ئەتراپىدىن ئورۇۋېلىنغان ، قورشىۋېلىنغان ، قامالغان ، چەكلەنگەن ؛ مونوپول قىلىنغان ،يېگانە ئىگىلەنگەن؛
- مۇنھەنىي — ئەگرى ، ئېگىلگەن ، ئەگرى سىزىق؛ [مۇنھەنىي ئەتمەك --- پۈكلىمەك ، ئەگمەك]؛
- مۇنھىي — خەۋەر بەرگۈچى ، دېرەك بەرگۈچى ، ئېيتىپ قويغۇچى؛
- مۇنىر — نۇر بەرگۈچى ، يورۇتقۇچى ، نۇرلۇق ، پارلاق ، يورۇق؛ [رەئيى مۇنىر --- روشەن پىكىر ،ئوچۇق پىكىر]؛
- مۇنىس(مۇئىنس)؛ — ئۈلپەت ، ھەمدەم ، دائىم بىللە بولغۇچى ؛ ئايرىلماس ئۈلپەت؛
- مۇھابا — ئېتىبار بېرىش ، دىققەت قىلىش ؛ پەرۋا ، پەرۋا قىلىش ، قوللاش، مەدەت بېرىش؛ قورقۇش؛ [بىمۇھابا --- پەرۋاسىزلىق بىلەن ، تارت
- مۇھابەت — ق مەھابەت؛
- مۇھاپىزەتچى — Bodyguard(ئىسىم)--مۇھىم شەخس، مەشھۇر ئادەم ياكى خەتەر ئاستىداكى كىشىلەرنىڭ جان-تېنىنى قوغداش، بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش ۋەز
- مۇھاجەرەت — كۆچۈش ؛ بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا كۆچۈپ كېتىش؛ كۆچمەنلىك؛ (مۇھاجىرەت*)؛
- مۇھاجىر — باشقا جايغا كۆچۈپ كەتكەن ، كۆچمەن ؛ باشقا بىر جايدىن كۆچۈپ كەلگەن ؛ مۇھاجىر؛
- مۇھادەسە — سۆزلەشىش ، گەپلىشىش ، سۆھبەت؛
- مۇھارەبە — ئۇرۇش ، جەڭ ، سوقۇش؛
- مۇھارىب — جەڭچى ، ئەسكەر ، ئۇرۇش قىلغۇچى ، ھەربىي؛
- مۇھاسەرە — مۇھاسىرە، ، قامال ، ئورىۋېلىش ، قورشاش؛ [مۇھاسەرە قىلماق --- قامال قىلماق ،قورشىماق ، ئورىۋالماق]؛
- مۇھاسىب — ھېسابقا ئالغۇچى ؛ ھېساب تەكشۈرگۈچى؛
- مۇھافە — ئاياللار ئولتۇرۇپ ماڭىدىغان ئەتراپى يېپىق تەختىراۋان؛ ئۆلۈك سېلىپ تاۋۇت ، جىنازا؛