لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇنتەھىي — ئاخىرغا يەتكەن ، تاماملانغان ، تۈگىگەن ؛ تاماملىغان ، ئورۇنلىغان؛ [مۇنتەھىي بولماق --- ئاخىرلاشماق]؛
- مۇنتىج — ۋۇجۇتقا كەلتۈرگۈچى ، نەتىجە چىقارغۇجى ؛ سەۋەب بولغۇچى؛
- مۇنجەر — يەتكۈزگەن ، بېرىپ تاقالغان ، كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ [مۇنجەر بولماق --- ئالىپ بارماق ،كەلتۈرۈپ چىقارماق ، تاقالماق]؛
- مۇنجەمىد — مۇزلىغان ، توڭلىغان ، مۇز تۇتقان ؛ قاتقان ، ئۇيۇغان؛
- مۇنخەسىف — يورۇقلۇقى تۇتۇلغان ، نۇرى توسۇلغان ، خىرەلەشكەن؛
- مۇنخەلەئ — چىقىرىپ تاشلانغان ، ئەمىلىدىن ئالىپ تاشلانغان ، چىقىپ كەتكەن ،ئايرىلغان؛ [مۇنخەلەيئ بولماق --- چىقىپ كەتمەك ، ئايرىلماق
- مۇندەرىج — بىر نەرسەنىڭ قاتارىغا ئېلىنغان ، كىرگۈزۈلگەن ، تىزىملانغان؛
- مۇندەرىجات — ؛«مۇندەرەجە»نىڭ كۆپلۈكى : مەزمۇنلار ، مۇندەرەجەلەر؛
- مۇندەفىئ — رەت قىلىنغان ، قايتۇرۇلغان ، ئىتتىرىۋېتىلگەن؛
- مۇنسەرىف — ؛(1) نىيەتتىن يانغۇچى ، كۆزقاراشىنى ئۆزگەرتكۈچى؛ ئۆزگەرگۈچى؛ (2) تۈرلەنگۈچى (گىرامماتىكىدا) ؛ [مۇنسەرىف بولماق --- ئۆزگە
- مۇنسىف — ئادىل ، ئادالەتلىك ، ئىنساپلىق ، ھەققانىيەتچى؛
- مۇنشا — يېزىلغان ، پۈتۈلگەن؛
- مۇنشەئات — كىچىكرەك نەسرىي ئەسەرلەر ، ماقالىلەر ، خەت - چەكلەر؛
- مۇنشەرىھ — كۆڭلى ئېچىلغان ، خۇشاللانغان ، شاد؛
- مۇنشى — كاتىپ ، يازغۇچى ؛ كۆچمە مەناسى: ئەتارىد (مېركۇرىي ) سەييارەسى؛
- مۇنفەئىل — خىجالەتلىك ، ئۇيالغان ؛ تەسىرلەنگەن؛ [مۇنفەئىل بولماق --- ئۇيالماق ، خىجالەت بولماق ، تەسىرلەنمەك]؛
- مۇنفەك — يېرىلغان ، يېرىپ تاشلانغان ؛ ئايرىلغان ، ئاجرىلىپ كەتكەن ، سەپتىن چۈشۈپ قالغان؛
- مۇنقاد — بويسۇنغان ، ئىتائەت قىلغان؛ [مۇنقاد بولماق --- ئىتائەت قىلماق ، بويسۇنماق ، تەۋە بولماق]؛ [مۇنقاد قىلماق --- بويسۇندۇرما
- مۇنقەتىئ — كېسىلگەن ، پارچىلانغان ، ئۈزۈلگەن ؛ توختىتىلغان؛ [مۇنقەتىئ قىلماق --- ئۈزمەك ،كەسمەك]؛
- مۇنقەرز — يوقالماق؛ ھالاك بولماق؛ باشقىلار تەرەپىدىن باشقۇرۇلماق؛
- مۇنقەرىد — يەككە ، يېگانە ، يالغۇز ، بىرلا؛
- مۇنقەرىز — مۇنقەرز بولغان ؛ يوقالغان ، گۇمران بولغان ، تارمار بولغان ،ھالاك بولغان؛
- مۇنقەزى — تاماملانغان ، تۈگىگەن ؛ ۋاقتى تولغان ؛ ۋاقتى ئۆتكەن؛ [مۇنقەزى ئولماق --- تاماملانماق؛ تۈگىمەك]؛
- مۇنقەسىم — بۆلۈنگەن ، تەقسىم قىلىنغان ، پارچىلانغان ؛ بۆلۈنمە؛