لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇنەججىم — يۇلتۇزشۇناس ، ئاسمانشۇناس؛ يۇلتۇزغا قاراپ پال سالغۇچى؛
- مۇنەززەل — چۈشۈرۈلگەن ، تاشلانغان؛
- مۇنەززەھ — پاك ، ساپ ، پاكىز ؛ بىگۇناھ؛
- مۇنەققەش — نەقىشلەنگەن ، نەقىشدار قىلىنغان ؛ بېزەلگەن؛ [مۇنەققەش ئەيلەمەك، مۇنەققەش قىلماق، مۇنەققەش ئەتمەك --- نەقىشلىمەك، بېزىمەك
- مۇنەققەھ — تازىلانغان ؛ توغرىلانغان ، تۈزىتىلگەن ؛ تەكشۈرۈلگەن ؛ ساپ ، تازا؛
- مۇنەۋۋەر — نۇرلۇق ، روشەن ، يورۇق؛
- مۇنەۋۋىر — يورۇتقۇچى ، نۇرلاندۇرغۇچى؛
- مۇنەۋۋىم — ئۇخلاتقۇچى ، ئۇخلىتىدىغان ، ئۇيقۇنى كەلتۈرىدىغان؛
- مۇنبەسىت — كەڭ يېيىلغان ، بىسات سېلىنغان ؛ خۇش چىراي ، شاد ، خۇرسەن؛ [مۇنبەسىت بولماق --- شادلانماق]؛
- مۇنتەبىق — ماس ، مۇۋاپىق ، ئۇيغۇن ؛ بىردەك؛
- مۇنتەخەب — سايلانغان ، تاللاپ ئېلىنغان ، تاللانما؛ [مۇنتەخەب قىلماق --- تاللاپ ئالماق]؛
- مۇنتەخەبات — ؛«مۇنتەخەب»نىڭ كۆپلۈكى : تاللانمىلار ، تاللانما ئەسەرلەر ؛ تاللانغانلار ، سايلانغانلار؛
- مۇنتەخىب — سايلىغۇچى ؛ تاللاپ ئالغۇچى ، تاللىغۇچى؛
- مۇنتەزەر — ئىنتىزار قىلغۇچى ، كۈتتۈرگۈچى ؛
- مۇنتەزەم — نەزم قىلىنغان ؛ تەرتىپكە سېلىنغان ، تۈزۈلگەن ؛ تەرتىپلىك ،رەتلىك ، ئىنتىزاملىق ،سىستېمالىق ، تەشكىللىك؛
- مۇنتەزىر — كۈتكۈچى ، ساقلىغۇچى ؛ ئىنتىزار ، تەقەززا؛ [ مۇنتەزىرى خىدمەت --- ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچى ؛ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان]؛
- مۇنتەزىم — تۈزگۈچى ، نەزم قىلغۇچى ؛ تەشكىللىگۈچى ، تەرتىپكە سالغۇچى ،رەتلىگۈچى؛
- مۇنتەسىب — ئالاقىدار ، باغىلىنىشىلىق ، مۇناسىۋەتى بار . ئوخشاش؛ [مۇنتەسىب قىلماق --- باغلىماق، ئوخشاتماق ، ھېسابلىماق]؛
- مۇنتەشىر — يېيىلغان ، تارقالغان ، چېچىلغان ؛ ھەممەگە مەلۇم بولغان؛ [مۇنتەشىر بولماق ---يېيىلماق ، تارقالماق ، مەلۇم بولماق]؛
- مۇنتەفىئ — پايدىلانغۇچى ، بەھرىلەنگۈچى ، بەھرىمەن بولغۇچى؛ [مۇنتەفىئ بولماق --- پايدىلانماق ،بەھرىلەنمەك]؛
- مۇنتەفىي — ؛(1) ۋاز كېچىلگەن ؛ بىكار قىلىنغان ، ئىنكار قىلىنغان؛ (2) ئۆچكەن ، ئۆچۈرۈلگەن؛ [ مۇنتەفىي بولماق --- ئۆچمەك ،ئۆچۈرۈلمەك
- مۇنتەقىل — كۆچكۈچى ، يۆتكەلگۈچى ؛ يۆتكەلگەن؛ [مۇنتەقىل بولماق --- كۆچمەك، يۆتكەلمەك]؛
- مۇنتەقىم — ئىنتىقام ئالغۇچى ، ئۆچ ئالغۇچى؛
- مۇنتەھا — ئەڭ ئاخىرى ، ئاخىرقى ئۇچ ، ئاخىرقى چەك ، ئاخىرقى نۇقتا ، تۈگۈنچە ، ئاخىر؛