لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇفتىئى گەردۇن — ؛(كۆچمە مەناسى) ئەتارىد (مېركورىي ) سەييارەسى ؛
- مۇفرەد — تاق ، يەككە ، يالغۇز ، بىر ؛ مۇرەككەپ ئەمەس ؛ كۆپلۈكنىڭ ئەكسى - بىرلىك (گىرامماتىكىدا)، بىر شەخس ياكى بىرلا نەرسەنى ئىپا
- مۇفرەدات — ؛«مۇفرەد»نىڭ كۆپلۈكى : يالغۇز نەرسەلەر ، نوقۇل نەرسەلەر ، ئېلېمېنتلار ؛
- مۇفرىت — بەك كۆپ ؛ ھەددىدىن ئارتۇق ؛ ئۆتۈپ كەتكەن ، چەكتىن ئاشقان؛ [بۇكايى مۇفرىت ---قاتتىق يىغا ، ئاچچىق يىغا]؛ [مۇفرىت ھەلاۋەت
- مۇفسىد — زىيانلىق ؛ بۇزغۇنچى ، پاساتچى ، يامان يولغا باشلىغۇچى ، ئازدۇرغۇچى ؛ بۇزۇق ، سېسىپ قالغان ؛ توپىلاڭچى؛
- مۇفلىس — سۇنغان ، ۋەيران بولغان ، ئىقتىسادى ۋەيران بولغان ، ئىگىلىكى يىمىرىلگەن ؛ كەمبەغەل؛ [مۇفلىس بولماق --- سۇنماق ، كەمبەغەلل
- مۇفلىسلىق — سۇنۇش ، ئىقتىسادى يىمىرىلىش ، كەمبەغەللىشىش ، يوقسۇللۇق، بىچارەلىق؛
- مۇفھەم — بىلىنگەن ، پەم قىلىنغان ، چۈشىنىلگەن ؛ چۈشەنچە ، ئۇقۇم؛
- مۇفىد — پايدالىق ، نەپلىك ، بەھرىلىك؛ ياخشى ، ئوبدان؛
- مۇفىز — كۆپەيتكۈچى ، موللاشتۇرغۇچى ؛ پەيزلىك ، پەيز بەرگۈچى؛
- مۇقابەلە — قارشى تەرەپتە تۇرۇش ، قارشىدىن كېلىش ، قارشى چىقىش؛ ئۇچرىشىپ قېلىش ، يولۇقۇپ قېلىش ؛ سېلىشتۇرۇش ، نىسبەتلەشتۈرۈش؛ [خەسم
- مۇقابىل — قارشى تۇرغۇچى ، قارشى ، زىت ؛ قارشى تەرەپتىكى ؛ ئۇدۇلدىكى؛ باراۋەر كېلىدىغان ، تەڭ قىممەتتىكى؛
- مۇقاتەلە — بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈش ، ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىش ؛ جەڭ ، ئۇرۇش ؛
- مۇقارەبە/مۇقارەبەت — يېقىنلىشىش ، بىر - بىرىگە يېقىنلىشىش ؛ ياندىشىش ، دوست بولۇش ، دوستلىشىش؛
- مۇقارەنە/مۇقارەنەت — يېقىنلىشىش ، ياندىشىش ؛ تۇتىشىش ، ئۇلىنىش؛
- مۇقارىن — يېقىن تۇرغان ، يانمۇيان تۇرغان ؛ ئۇلاشقان ، ئۇلانغان ؛ ھەمراھ بولغان ؛ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بەرگەن؛
- مۇقامىر — ق . مۇقەممىر؛
- مۇقاۋىمەت — Drag(ئىسىم/پېئىل)--(1) پېئىل سۈپەتىدە بىر نەرسەنى يەر يۈزى بويىچە سۆرەپ تارتىش؛ (2) فىزىكا دائىرەسىدە ھاۋا ياكى سۇيۇقلۇق
- مۇقايەسە — ئوخشىتىش ، تەمسىل قىلىش ؛ قىياس قىلىش؛
- مۇقەتتەئ — كېسىلگەن ، ئۈزۈلگەن ، ئاجرىتىلغان ؛ كېسىندە ، ئۈزۈندە؛
- مۇقەتتەئات — ؛«مۇقەتتەئ»نىڭ كۆپلۈكى : كېسىپ تاشلانغان نەرسەلەر ؛ پارچىلەر ، قىسقا شېئىرلار ؛ قىسقارتىلمىلار؛
- مۇقەتتەت — قىتئەلەر؛ پارچىلار؛
- مۇقەددەر — پېشانىگە پۈتۈلگىنى ، پېشانىدىكى ؛ تەقدىر ؛
- مۇقەددەس — پاك ، تازا ، ئەزىز ، چېقىلىشقا بولمايدىغان ؛ ئەيىب ۋە نۇقساندىن خالىي ؛ مۇبارەك؛