لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇقەددەم — بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان ، ئالدىنقى رەتكە تىزىلغان ؛ ئىلگىرىكى ،ئالدىنقى ، بۇرۇنقى ؛ ئىلغار ، ئالدىدا ماڭغان؛
- مۇقەددىر — تەقدىرنى بەلگەلىگۈچى ؛ ئاللاھ ؛
- مۇقەددىمات — ؛«مۇقەددىمە»نىڭ كۆپلۈكى : مۇقەددىمىلەر؛
- مۇقەددىمە — ئالدىدا ماڭغۇچى ؛ كىرىش سۆز ، ئالدىن ئېيتىلغان سۆز ، نۇتۇق ياكى ئەسەرنىڭ باشلانمىسى ، كىرىش قىسمى؛
- مۇقەررەب — يېقىن تۇرغۇچى ، ئەتىۋارلاشقا سازاۋەر بولغان ، سىرداش دوست؛
- مۇقەررەبىن — ؛«مۇقەررەب»نىڭ كۆپلۈكى : يېقىن تۇرىدىغانلار ، يېقىنلار ، دوستلار؛
- مۇقەررەر — قارار قىلىنغان ، جەزملەشتۈرۈلگەن ، بېكەتىلگەن ؛ تەيىنلەنگەن؛مۇقىم ، مەزمۇت؛
- مۇقەرنەس — خىلمۇخىل نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ، ئەگمە تورۇسلۇق؛نەقىشدار؛ [تاقى مۇقەرنەس --- نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن ئەگمە تورۇسلۇق بى
- مۇقەسسەم — بۆلۈنمە ، تېگىشلىك بولغان نەرسە ، تەقسىماتتا كەلگەن ئۈلۈش ؛ تەقسىملەنگەن ،بۆلۈنگەن ، ئۈلەشتۈرۈلگەن؛
- مۇقەسسىر — كەمچىلىكى بار ، نۇقسانلىق ؛ ئەيىبكار ، گۇناھكار؛
- مۇقەسسىم — تەقسىم قىلغۇچى ، بۆلگۈچى ، ئايرىغۇچى ، ئۈلەشتۈرگۈچى؛
- مۇقەففا — قاپىيەلىك ، قاپىيەداش؛
- مۇقەففەل — قۇلۇپلانغان ؛ [مۇقەففۇل قىلماق --- قۇلۇپلىماق]؛
- مۇقەممىر — قىمارۋاز ، قىمار ئوينىغۇچى؛
- مۇقەۋۋەس — كامالەككە ئوخشاش ، يا شەكىللىك ، تىرناققا ئوخشىغان ، ئېگىلگەن ، قايرىلغان ، ئەگمە؛ [چەرخى مۇقەۋۋەس --- يا شەكىللىك ئاسما
- مۇقەۋۋى — كۈچلەندۈرگۈچى ، قۇۋۋەت بەرگۈچى ، كۈچەيتىدىغان ؛ ھىمايىچى ،مەدەتكار ، مەدەت بەرگۈچى؛
- مۇقەييەد — باغلانغان ، بەنت قىلىنغان ، پۇت - قولى چۈشەلگەن؛ [مۇقەييەد ئەيلەمەك، مۇقەييەد قىلماق --- باغلىماق ، بەنت قىلماق]؛ [مۇقەي
- مۇقبۇل — ئىستىقباللىق؛مەسئۇد؛
- مۇقبىل — ئىقباللىق ، بەختلىك ، تەلەيلىك ، ئامەتلىك؛
- مۇقتەدا — دورالغۇچى ، ئەگىشىلگۈچى ، بويسۇنۇلغۇچى ؛ ئۈلگە بولغۇچى ، يېتەكچى ؛ ئىمام؛
- مۇقتەدائى زۇمرەئى ئىسلام — مۇسۇلمانلارنىڭ پېشۋاسى؛
- مۇقتەدد بىھ — زۆرۈر ، تېگىشلىك ، لازىم بولغان ، مۇھىم ؛
- مۇقتەدى — دورىغۇچى ، تەقلىد قىلغۇچى ، ئۈلگە ئالغۇچى؛
- مۇقتەدىر — ئىقتىدارلىق ، قابىلىيەتلىك؛