لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇغەييەر — ئۆزگەرتىلگەن ، ئۆزگىرىش تاپقان ؛ ئۆزگەرگەن ، باشقا بىر قىياپەتكە كىرگەن؛
- مۇغەييىر — ئۆزگەرتكۈچى ، ئۆزگىرىش پەيدا قىلغۇچى؛
- مۇغبەچە — مەيخانا خىزمەتچىسى ، مەي توشىغۇچى بالا؛
- مۇغتەنەم — ئىززەتلەنگەن ، ئەزىز كۆرۈلگەن ، غەنىيمەت سانالغان ؛ ئولجا ئېلىنغان؛ [مۇغتەنەم بولماق --- غەنىيمەت بولماق ، ئولجا ھېسابلا
- مۇغتەنىم — ئولجا ئالغان ؛ بىر نەرسەنى غەنىيمەت دەپ بىلگۈچى ، پەيتتىن پايدىلانغۇچى؛
- مۇغلەق — چۈشىنىش تەس ، چۈشىنىكسىز ؛ ئاشكارا قىلىنمىغان ، تۇتۇق؛
- مۇغىزار — قۇشلار ياشىغۇچى ماكان؛
- مۇغىيلان — چۆلدە ئۆسىدىغان بىر خىل تىكەنلىك ئۆسۈملۈك ؛
- مۇفائەلە — ھەمكارلىق ، ھەمكارلىشىش ؛ ئۆملۈك پېئىل (گرامماتىكا) ؛
- مۇفارەقەت — ئۆزئارا ئايرىلىش ، بىر - بىرىدىن ئاجرىلىش ، تاشلىۋېتىش؛ تاشلاپ كېتىش؛
- مۇفەتتىن — پىتنىخور ، چېقىمچى ، ئارىنى بۇزغۇچى ، قۇتراتقۇچى؛
- مۇفەتتىھ — ئاچقۇچى ؛ ئىستېلا قىلغۇچى ؛ ئەل قىلغۇچى؛
- مۇفەتتىھول ئەبۋاب — ئىشىكلەرنى ئاچقۇچى ؛ ھەممەگە قادىر (ئاللاھ)؛
- مۇفەررىھ — شادلاندۇرغۇچى ، سۆيۈندۈرگۈچى ؛ خۇش كەيپ قىلغۇچى ؛ شېرىن ۋە خۇشپۇراقلىق ؛ كۆچمە مەناسى:دورا؛ [مۇفەررىھ مايە --- شادلىققا
- مۇفەسسەر — ئىزاھلانغان ، تەپسىلىي بايان قىلىنغان ، تەپسىر قىلىنغان؛
- مۇفەسسەل — مۇپەسسەل ، تەپسىلىي ، ئەتراپلىق ، بابلارغا بۆلۈپ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن ؛بابلارغا بۆلۈنگەن ، بۆلەكلەرگە ئايرىلغان؛
- مۇفەسسىر — ئىزاھلىغۇچى ، يېشىپ چۈشەندۈرگۈچى ، تەپسىر قىلغۇچى؛
- مۇفەككىر — پىكىر قىلغۇچى ، ئويلىغۇچى ، تەپەككۇر قىلغۇچى؛
- مۇفت — مۇت ، ھەقسىز ؛ ئەرزان ، ئىنتايىن ئەرزان ؛ بىمەنە؛
- مۇفتا — ماشىنا مەزمۇنىدا(Clutch)-- مۇفتا ماشىنالاردا (بولۇپمۇ مېخانىكالىق يەتكۈزۈش سىستېماسى بار ئاپتوموبىللاردا) قوللىنىلىدىغان
- مۇفتەخەر — ئىپتىخارلىنارلىق ، پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان؛
- مۇفتەخىر — پەخىرلەنگۈچى ، ئىپتىخارلانغۇچى ، شادلانغۇچى؛
- مۇفتەرىي — تۆھمەتچى ، قارا چاپلىغۇچى ، ھاقارەتلىگۈچى؛
- مۇفتى — پەتىۋا بەرگۈچى ، شەرىئەت ھۆكۈمەتى بايان قىلغۇچى ؛ مۇپتى ؛