لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇسىقىي — مۇزىكاچى ؛ مۇزىكاغا ئائىت؛
- مۇسىقىييۇن — ؛«مۇسىقىي»نىڭ كۆپلۈكى : مۇزىكاچىلار ؛ [تەۋارىخى مۇسىقىييۇن --- مۇزىكاچىلار تارىخى]؛
- مۇسىنن — يېشى چوڭ ، مويسىپىت ، قېرى ، بوۋاي؛
- مۇشائەرە — شېئىر ئېيتىشىش ، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق شائىرنىڭ بىر - بىرىگە جاۋابەن شېئىر ئېيتىشلىرى ؛ شېئىر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش؛
- مۇشائىرە — بىر قانچە شائىرنىڭ بىر يەرگە جەم بۇلۇپ شېئىر يېزىشى؛تەخلىت شېئىر؛
- مۇشابىھ — ئوخشاش ، ئوخشايدىغان ، تۈرداش؛ [ مۇشابىھ كۆرۈنمەك --- ئوخشاش كۆرۈنمەك؛ ئوخشاش بولماق]؛
- مۇشابىھە/مۇشابەھەت — ئوخشاشلىق ، تۈرداشلىق ؛ ئوخشىتىش ، سېلىشتۇرۇش؛
- مۇشار ئىلەيھى — ئىشارەت قىلىنغۇچى ؛ ئىشارەت قىلىنغان ؛ كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ؛ زىكىر قىلىنغان ،مەزكۇر ؛
- مۇشارەكەت — شېرىكلىك ، ئورتاقلىق ؛ شېرىكلىشىش ، ھەمكارلىق ؛ ئىشتىراك قىلىش ، قاتنىشىش؛
- مۇشارىك — ھەمشېرىك ، شېرىكلەشكەن ، ھەمكارلاشقان؛
- مۇشاكىل — ئوخشاش ، شەكىلداش ، بىر خىل شېئىر رېتىمى؛
- مۇشاھەدات — ؛«مۇشاھەدە»نىڭ كۆپلۈكى : كۆزدىن كەچۈرۈشلەر؛ تىكىلىپ قاراشلار ؛ كۆز بىلەن كۆرگەن نەرسەلەر؛
- مۇشاھەدە — كۆز بىلەن كۆرۈش ، كۆزدىن كەچۈرۈش ، كۆرۈش ، كۈزىتىش؛تىكىلىپ قاراش؛
- مۇشاھىد — كۆرگەن ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ؛ گۇۋاھچى ، شاھىت؛ [مۇشاھىد بولماق --- كۆرۈنمەك، كۆزدىن كەچۈرۈلمەك]؛
- مۇشاۋەرە/مۇشاۋەرەت — كېڭەشمە ، كېڭىشىش ، مەسلىھەت قىلىش ؛ يىغىن؛
- مۇشاۋىر — مەسلىھەتچى ، مەسلىھەت بەرگۈچى؛
- مۇشايىخ — شەيىخلەر؛ مۇرشىتلەر؛
- مۇشەئبىد/مۈشەئبىز — نەيرەڭۋاز ، كۆز باغلىغۇچى؛
- مۇشەئبىدلىك — نەيرەڭۋازلىق ، سېھىرگەرلىك؛
- مۇشەببەھ — ئوخشىتىلغان ، ئوخشىتىلغان نەرسە؛ [ مۇشەببەھۇن بىھ --- ئوخشىتىلغان نەرسە]؛
- مۇشەددەد — مۇستەھكەم ، كۈچەيتىلگەن ؛ تەشدىتلىك ، تەشدىتلەنگەن ، قاتلاپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان تاۋۇش؛
- مۇشەررەف — شەرەپكە ئېرىشكەن ، شەرەپ ۋە ئىززەت تاپقان ؛ بىرەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ [مۇشەررەف قىلماق --- شەرەپ تاپماق؛ ئېرىشمەك]؛
- مۇشەككەل — مەلۇم بىر شەكىلگە كىرگەن ، سۈرەتلەنگەن ، گەۋدىلەنگەن؛ [مۇشەككەل بولماق --- شەكىللەنمەك ، گەۋدىلەنمەك]؛ [ مۇشەككەل قىلماق
- مۇشەممەئ — يامغۇر ۋە سۇ ئۆتمەيدىغان رەخت؛