لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇشەۋۋەش — قالايمىقان ، تەشۋىشلىك ، بىسەرەمجان ؛ كۆڭلى پەرىشان؛ [مۇشەۋۋەش ئەتمەك ---پەرىشان قىلماق]؛ [مۇشەۋۋەش ھال --- پەرىشان ھال]
- مۇشەۋۋەشلىغ — تەشۋشلەنگەنلىك ، پەرىشانلىق ، بىسەرەمجانلىق؛
- مۇشپىق — شەپقەتلىك؛مەرھەمەتلىك؛مېھرىۋان؛
- مۇشت — Fist(ئىسىم/پېئىل)--بۇ ئادەتتە ئۇرۇش، كۈچنى كۆرسىتىش ياكى غەزەپنىڭ رەمزى بولۇپ ئىشلىتىلىدۇ. پېئىل بولۇپ ئىشلەتكەندە "مۇشت
- مۇشت ئۇرۇش، تېشىش — Punch(ئىسىم/پېئىل)--ئاساسەن تۆت تۈرلۈك مەنانى بىلدۈرىدۇ. پېئىل بولۇپ ئىشلەتكەندە: (1) مۇشت بىلەن قاتتىق ئۇرۇش؛ (2) تەشكۈ
- مۇشتاق — سېغىنغان ، ئارزۇ قىلغان ، ئىشتىياق باغلىغان ، تەقەززا بولغان؛
- مۇشتەئىل — لاۋۇلدىغان ، يالقۇنجاۋاتقان ، كۆيگەن؛ كۆچمە مەناسى: ھاياجانلانغان؛
- مۇشتەرەك — ئومۇمىي ، ئورتاق ، ئوتتۇرىدىكى ؛ ئارىلاشما ، ئەبجەش؛
- مۇشتەرى — سېتىۋالغۇچى ، خېرىدار ؛ يۇپىتېر سەييارەسى؛
- مۇشتەغىل — بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى ، ئىش بىلەن ئالدىراش ، بەنت ،مەشغۇل؛ [مۇشتەغىل ئولماق --- شۇغۇللانماق ، مەشغۇل بولماق]؛
- مۇشتەغىلات — ئىشلار ، كەسىپلەر ، مەشغۇلاتلار؛
- مۇشتەق — ئايرىلىپ چىققان ، بۆلۈنمە ؛ شاخ ، تارماق ؛ ياسالما (سۆز) ؛
- مۇشتەھىي — ئىشتەينى ئاچقۇچى ؛ ئارزۇ قىلىدىغان ، ئۈمىد قىلىدىغان ، تەقەززا بولغان؛
- مۇشتزەن — مۇشتلاشچى ، پالۋان؛
- مۇشتىرىك — ئورتاقلىق؛ شېرىكلىك؛
- مۇشرەف — ئېگىز جاي ، يۈكسەك ئورۇن؛
- مۇشرىف — يۈكسەلگەن ، يۇقارى ئورۇنغا چىققان ؛ ئېگىز يەر ؛ باشقۇرغۇچى؛ يېقىن ، يانداش ،يېقىنلاشقان؛ [رودقا مۇشرىف --- ئېقىن بويىدا
- مۇشرىك — ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچى ، «ئاللاھنىڭ شېرىكى بار» دېگۈچى، كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ، كاپىر؛
- مۇشفىق — شەپقەتلىك ، شەپقەت قىلغۇچى . مېھرىبان ، مەرھەمەتلىك؛
- مۇشفىقانە — شەپقەتچىلەرچە ؛ مېھرى - شەپقەت بىلەن؛
- مۇشك — ئىپار ؛ كۆچمە مەناسى: خۇشبۇي قارا چاچ ؛ كۆزنىڭ قارىچۇقى ؛ قاپقارا؛ [مۇشككە كافۇر قاتماق --- (كۆچمە مەناسى) چاچ ۋە ساقالغ
- مۇشكئەفشان/مۇشكفىشان — ئىپار چاچقۇچى ، يېقىملىق ھىد تارقاتقۇچى؛
- مۇشكەندۇد — ئىپار ئارىلاش ، ئىپار ھىدلىق؛
- مۇشكبار — ئىپار ياغدۇرغۇچى ، ئىپارغا ئوخشاش قارا ھەم خۇشبۇي (چاچ)؛