لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇستەھلىك — ھالاك قىلغۇچى ، يوقاتقۇچى ، گۈم قىلغۇچى ؛ ئىستېمال قىلغۇچى ، سەرپ قىلىغچى؛
- مۇستەھىق — مۇناسىپ ، لايىق ، ھەقلىق ، تېگىشلىك؛
- مۇستەۋجىب — لايىق ، مۇناسىپ ، يارايدىغان ، ياراملىق ، ئېھتىياجلىق؛مەيدانغا كەلگەن ؛
- مۇستەۋفىي — ھېساباتچى، ھېساب - كىتاب ئىشلىرىنى ئالىپ بارغۇچى؛ يېتەرلىك ، يېتەرلىك دەرەجەدە؛
- مۇستەۋلا — بويسۇنغان ، باش ئەگكەن ؛
- مۇستەۋلى — ئىشغال قىلغۇچى ، ئىستېلا قىلغۇچى ، ئىگىلىگۈچى ، غالىب؛ تولۇپ تاشقان؛
- مۇستەۋىي — تۈز ، تۈپتۈز ، سىلىق ، تەكشى ؛ باراۋەر ، تەڭ ، مۇناسىپ ، ماس كەلگەن؛
- مۇسرىف — ئىسراپخور ، پۇل ۋە مالنى بىھۇدە سەرپ قىلغۇچى ، بۇزۇپ چاچقۇچى ،بەدخەج؛
- مۇسقى — مۇزىكا؛ ساز؛ چالغۇ؛
- مۇسكەت — ئېغىز ئاچۇرمايدىغان ، ئېغىزىنى تۇۋاقلاپ قويىدىغان ، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان، كىشىنى قايىل قىلىدىغان؛
- مۇسكۇل — Muscle(ئىسىم)--ئىنساننىڭ ياكى ھايۋاننىڭ تېنىدىكى ھەرىكەت، كۈچ ۋە مۇۋازىنەتنى تەمىنلەيدىغان يۇمشاق توقۇما ئورگىنىنى بىلدۈ
- مۇسلىم — ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى ، مۇسۇلمان؛
- مۇسلىمان — ؛«مۇسلىم»نىڭ كۆپلۈكى : مۇسۇلمانلار ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار؛
- مۇسلىھ — ياخشىلىغۇچى ، تۈزەتكۈچى ، توغرىلىغۇچى ، ئىسلاھ قىلغۇچى؛
- مۇسلىھى — ئىسلاھات ئالىپ بارغۇچى؛
- مۇسمىر — مېۋىلىك ، مېۋە بېرىدىغان ؛ نەتىجەلىك؛
- مۇسھەپ — سەھىپە؛
- مۇسھەف — كىتاب ، كىتابچە ، رىسالىلەر توپلامى ؛ توم ، جىلە ، قۇرئان كەرىم ؛
- مۇسھىل — سۈرگۈچى ، سۈرىدىغان ، ئاشقازاننى تازىلايدىغان دورا ، سۈرگە دوراسى؛
- مۇسۇن — قىشتا دېڭىزغا قاراپ،يازدا بولسا قۇرۇقلۇققا قاراپ سوقىدىغان شامال؛
- مۇسۋەددە — ق . مۇسەۋۋەدە؛
- مۇسىبەت — ماتەم؛ ھازىدار؛ قارىلىق؛
- مۇسىر — قاتتىق تۇرۇۋالغۇچى ، ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرغۇچى ، تەرسا ، جاھىل؛
- مۇسىقار — نەي ؛ ئاۋازى مۇزىكا ئاۋازىغا ئوخشايدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنغان قۇش؛