لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇسەددىق — گۇۋاھلىق بەرگۈچى ، بىرەر ئىش ياكى سۆزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى ؛ مۇقىملاشتۇرغۇچى ؛ ھۆكۈم قىلغۇچى؛
- مۇسەلسەل — بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان ، بىر - بىرىگە ئۆتكۈزۈلگەن ، بىر - بىرىگە زەنجىرگە ئوخشاش ئۇلانغان ؛ زەنجىرگە ئوخشاش ، زەنجىر
- مۇسەللا — جايناماز ؛ كاتتا مەسچىت ، ناماز ئوقۇلىدىغان مەيدان ، نامازگاھ ؛
- مۇسەللەس — ؛(1) ئۈچ قىرلىق ، ئۈچ بۇلۇڭلۇق ، ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان؛ ئۈچ ھەسسە ، ئۈچ قات؛ (2) ئېچىتما ھاراق؛
- مۇسەللەم — شەكسىز ، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ، ھەممە ئېيتىراپ قىلغان ، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ؛ تاپشۇرۇلغان ، تاپشۇرۇپ بېرىلگ
- مۇسەللەھ — قوراللانغان ، قوراللىق؛ [ئەسكەرى مۇسەللەھ --- قوراللىق ئەسكەر]؛
- مۇسەللى — ناماز ئوقۇغۇچى ، مۇسۇلمان؛
- مۇسەللىت — ھۆكۈمران ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ، ھاكىم ، سەلتەنەت ئىگەسى؛ [مۇسەللىت بولماق --- ھۆكۈمران بولماق ، تەختكە چىقماق ، ئىگىلىم
- مۇسەممەم — قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن ، بىر ئىشقا قاراتا قەتئىي نىيەت باغلىغان ، قەتئىي ، كەسكىن؛ [مۇسەممەم قىلماق --- قەتئىي قارارغا ك
- مۇسەممەن — سەككىز تەرەپلىك ، سەككىز بۇلۇڭلۇق ، ھەربىر كۇپلېتى سەككىز مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر ، سەككىزلىك شېئىر]؛
- مۇسەننا — قوش ، جۈپ ، ھەسسىلەنگەن؛
- مۇسەننەف — يېزىلغان ، تۈزۈلگەن ، پۈتكەن ئەسەر ؛ تۈرگە بۆلۈنگەن؛
- مۇسەننەفات — ؛«مۇسەننەف»نىڭ كۆپلۈكى : يېزىلغان ئەسەرلەر ، تۈزۈلگەن ئەسەرلەر؛
- مۇسەننىف — كىتاب تۈزگۈچى ، يازغۇچى ، ئاپتور؛ كۈي ئىجادچىسى ؛ تۈرگە ئايرىغۇچى؛
- مۇسەۋۋەدە — دەسلەپكى نۇسخا ، ئەسەرنىڭ ئاققا كۆچۈرۈلمىگەن نۇسخاسى؛
- مۇسەۋۋەر — سۈرەتلەنگەن ، تەسۋىرلەنگەن ؛ مېڭىدە تەسەۋۋۇر قىلىنغان ؛ رەسىملىك؛
- مۇسەۋۋىر — تەسۋىرلىگۈچى ، سۈرەتلىگۈچى ، سىزغۇچى ، رەسسام؛
- مۇسەۋى — مۇسا پەيغەمبەرگە مەنسۇپ ، مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇرىتلىرى ،يەھۇدىيلار؛
- مۇسەيقەل — پارقىرىتىلغان ، يالتىرىتىلغان؛
- مۇسبەت — ئىسپاتلانغان ، دەلىل كۆرسىتىلگەن ؛ جەزملەشتۈرۈلگەن ، مۇقىملاشتۇرۇلغان؛
- مۇستاپا — مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى ؛ 2)ئىلغانغان؛تاللانغان؛
- مۇستانگ — ؛«Mustang» يەنە ئامېرىكانىڭ Ford شىركىتى تەرەپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان داڭلىق ماشىنا ماركاسىنى كۆرسىتىدۇ. Ford Mustang 1964
- مۇستەئجەل — تېز ، ئالدىراش ، جىددىي ؛ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان؛
- مۇستەئجىل — ئالدىراش ، ئالدىرىغۇچى ، ئالدىرايدىغان ؛ ئالدىراڭغۇ؛ [دەۋرى مۇستەئجىل ---ئالدىراڭغۇ ، ئايلانغۇچ؛ كۆچمە مەناسى: دۇنيا]؛