لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇسابىقە — ئالدىنى تالاشماق؛ بەسلەشمەك؛ رىقابەتلەشمەك؛
- مۇسادەقەت — ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە بولغان ئىشەنچى ، سەمىمىيەت ؛ سەمىمىي دوستلۇق ،سادىقلىق ؛
- مۇسادەقەتلىق — سەمىمىي دوستلۇق ، سەمىمىيلىك؛
- مۇسافەرەت — مۇساپىرلىق ، يولۇچىلىق ، سەپەر ، ساياھەت؛
- مۇسافىر — سەپەرگە چىققان ، ساياھەتچى ، يولۇچى ، مۇساپىر؛ [مۇسافىر شىۋە --- سەپەردە كۆپ يۈرگۈچى ؛ مۇساپىرلىققا ئادەتلەنگەن]؛
- مۇسافىرخانە — يولۇچىلار قونىدىغان ئۆي ، سەپەر قىلغۇچىلار چۈشىدىغان جاي ، مېمانخانا؛
- مۇساھەبەت — ھەمسۆھبەتلىك ، سۆھبەتداشلىق ، ئۈلپەتچىلىك ، دوستلۇق؛
- مۇساھىب — ھەمسۆھبەت ، دوست ، ئۈلپەت ؛
- مۇساھىت — سۆھبەتداش؛ مۇڭداشقۇچى؛
- مۇساۋەدە — رويخەتكە ئېلىش ، يېزىش ، خەتلەش ؛ خەت ؛ تۆھمەت قىلىش؛ قارىلاش ، قارا سۇۋاش؛ تۆھمەت ، قارا؛
- مۇساۋىي — تەڭ باراۋەر؛
- مۇساۋىيات(تەرەپەيىن)؛ — ئىككى تەرەپى ئوخشاش؛
- مۇسەببەئ — يەتتە بۇرجەكلىك ، يەتتە تەرەپلىك ، يەتتە قات ، يەتتە كەررە ، بىر كۇپلېتى يەتتە مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر . يەتتىلىك شېئىر؛
- مۇسەببىب — سەۋەبچى، پەيدا قىلغۇچى؛
- مۇسەببىبۇل ئەسباب — سەۋەبلەرنىڭ سەۋەبچىسى، ئەڭ تۈپ سەۋەب؛ پەيدا قىلغۇچى ، ياراتقۇچى؛
- مۇسەپپا — پاك؛ ساپ؛ تاپ-تازا؛
- مۇسەتتەھ — تۈزلەنگەن ، سىلىقلانغان ، تۈپتۈز قىلىنغان ، تەكشىلەنگەن؛
- مۇسەخخەر — رام قىلىنغان ، ئۆزىگە قارىتىلغان ، بويسۇندۇرۇلغان ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان؛ [مۇسەخخەر ئەيلەمەك، مۇسەخخەر ئەتمەك، مۇسەخخەر ق
- مۇسەخخەر(مۇسەھھىر)؛ — سېھىرلەنگەن؛ تارتىلغان؛ جەلپ قىلىنغان؛
- مۇسەخخىر — بويسۇندۇرغۇچى ، تاجاۋۇزچى ، ئىشغالىيەتچى ؛ غالىب؛
- مۇسەخخىن — قىزىتقۇچى ، ئىسسىتقۇچى؛
- مۇسەددەس — ئالتە ھەسسىلىك ، ئالتە قىرلىق ، ئالتە بۇلۇڭلۇق ؛ بىر كۇپلېتى ئالتە مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر ، ئالتىلىك شېئىر؛
- مۇسەددەق — ئىسپاتلانغان ، ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن ، راست ، ھەقىقىي ،تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن؛
- مۇسەددىئ — مالاللىق كەلتۈرگۈچى ، باش ئاغرىتقۇچى ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى ، جاھاننى پاراكەندە قىلغۇچى؛