لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇزەييەن — زىننەتلەنگەن ، بېزەلگەن؛ [مۇزەييەن قىلماق --- زىننەتلىمەك ، بېزىمەك]؛
- مۇزتەرئولماق — ئىختىيارسىزلىق؛ ئىلاجىسىزلىق؛ نىمەقىلارىنى بىلمەسلىك؛
- مۇزتەرر — مەجبۇر بولغان ، نائىلاج ، تەڭلىكتە قالغان ، چىقىش يولى تاپالماي گاڭگىراپ قالغان؛
- مۇزتەرىب — قانداق قىلىشنى بىلمەي قالغان ، دەككە - دۈككىگە چۈشكەن ، قالايمىقان ، ئەنسىز ،ئىزتىراپقا چۈشكەن؛
- مۇزد — ئىش ھەققى ، خىزمەت ھەققى ، تۆلەم؛
- مۇزدۇر — مەدىكار ، ياللىنىپ ئىشلىگۈچى ، كۈنلۈكچى؛
- مۇزلاتقۇ
- مۇزمەر — يوشۇرۇنغان ، تىقىپ قويۇلغان ، يوشۇرۇن ؛ كۆڭۈلدە ساقلانغان؛ [مۇزمەر ئەتمەك --- تىقىپ قويماق ، يوشۇرماق]؛
- مۇزمەھىل — يوقىتىلغان ، ئاغدۇرۇپ تاشلانغان ، بىتچىت بولغان ؛ ئۆچكەن؛
- مۇزھىك — كۈلكەلىك ، ئادەمنىڭ كۈلكەسىنى كەلتۈرىدىغان ؛ مەسخىرىۋاز؛
- مۇزىئ — يورۇتقۇچى ، نۇرلاندۇرغۇچى؛
- مۇزىرر — زىيانلىق ، زەرەرلىك ؛ زەھەرلىك؛
- مۇزىكا — مۇزىكا سەنئەت ۋە مەدەنىيەتنىڭ بىر شەكلى بولۇپ، ئاۋازلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئىپادىلىك بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇ تىل، رىت
- مۇزىلل — ئاداشتۇرغۇچى ، توغرا يولدىن چىقارغۇچى ، ئازدۇرغۇچى ، ئالمىچى؛
- مۇزىي — ئازار بەرگۈچى ، خاپا قىلغۇچى ، رەنجىتكۈچى ، زىيان سالغۇچى ، زەرەر يەتكۈزگۈچى؛
- مۇزىيخانا
- مۇزىيق — سىقىدىغان ، تار ؛ سىققۇچى ، قىستىغۇچى؛
- مۇژدە — خۇشخەۋەر ، سۆيۈنۈشلۈك خەۋەر؛ [مۇژدە بەرمەك --- خۇشخەۋەر يەتكۈزمەك]؛
- مۇژدە — خۇشخەۋەر ، سۆيۈنۈشلۈك خەۋەر؛ [مۇژدە بەرمەك --- خۇشخەۋەر يەتكۈزمەك]؛
- مۇژدەئى جان — ئىنتايىن يېقىملىق خۇشخەۋەر؛
- مۇژدەگانى — سۆيۈنچە ، مۇكاپات؛
- مۇسا — مۇسا پەيغەمبەر؛ [ مۇسا ئوتى --- مۇسا پەيغەمبەر تۇر تېغىدا ياققان ئوت]؛
- مۇسائەدە — باردەم ، مەدەت ، يار - يۆلەك ، يار؛
- مۇسائىد — ياردەمچى ، قولداش ، پايدالىق ، مەنپەئەتلىك ؛ مۇناسىپ ، ماس؛ ئوڭاي ، ئاسان؛