لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇزافات — ؛«مۇزاف»نىڭ كۆپلۈكى : قوشۇلغانلار ، قوشۇمچىلار ؛ (كۆچمە مەناسى)تەۋەلىكلەر ؛ ئېنىقلانغۇچى سۆز؛
- مۇزاكەرە — كېڭىشىش ، مەسلىھەتلىشىش ، سۆھبەت ، كېڭەش ؛ مۇھاكىمە ، مۇنازىزە؛
- مۇزالىم — قاراڭغۇ ، قاراڭغۇلۇق؛
- مۇزاھىر — ياردەمچى ، قوللىغۇچى ، قوللايدىغان ، ھىمايە قىلىدىغان؛
- مۇزاھىم — قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان ، ئاۋارە قىلىدىغان ، خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىدىغان ؛ زىيان يەتكۈزىدىغان ، تەھلىكە سالىدىغان؛
- مۇزايەقە — تەڭلىك ، قىسىنچىلىق ، تەڭقىسلىق ، چىدام ؛ قىيىنچىلىق ، نامراتلىق ؛ باش تارتىش ،تارتىنىش؛
- مۇزە — ئۆتۈك؛
- مۇزەئفەر — زەپەرلىك ، زەپەر قوشۇلغان ؛ كۆچمە مەناسى: سېرىق ؛
- مۇزەبزەب — تەۋرەنگەن ، ئارىسالدا قالغان ، دىلىغۇل بولغان ، تەڭلىكتە قالغان؛
- مۇزەبزەبلىغ — تەۋرىنىش ، قارارسىزلىق ، دىلىغۇللۇق ؛ ئالا كۆڭۈللۈك؛
- مۇزەپپەر — غەلىبە قىلغۇچى؛ ئۈستۈنلۈك قازانغۇچى؛
- مۇزەخرەفات — ؛«مۇزەخرەف»نىڭ كۆپلۈكى : ساختا سۆزلەر ، يالغان نەرسەلەر ؛ تايىنى يوق گەپلەر ،تۇترۇقسىز گەپلەر ، بىمەنالىقلەر؛
- مۇزەخرەق — ساختا ، يالغان؛ تېشى پال - پال ، ئىچى غال - غال ، ئاساسى يوق ، مەناسىز سۆز ،قۇرۇق گەپ ، تېتىقسىزلىق ، بىمەنالىق ، چاكىنى
- مۇزەدۇز — ئۆتۈك تىككۈچى ؛
- مۇزەررەتلىك — زىيانكەشلىك قىلغۇچى؛
- مۇزەففەر — زەپەر قۇچقۇچى ، غەلىبە قازانغۇچى ، غالىب ، ئىشى روناق تاپقان؛
- مۇزەككا/مۇزەككىي — تازىلانغان ، تازا ، پاك ، پاكىز؛
- مۇزەككەر — ئەركەك ؛ ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىدا ئەر سىغىسىدىكى سۆز؛
- مۇزەككىر — ئەسلەتكۈچى ، يادىغا چۈشۈرگۈچى ، ۋايىز ، ئۈگۈت - نەسىھەت قىلغۇچى؛
- مۇزەللەت — خارلىق؛
- مۇزەھھەب — زەرلەنگەن ، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ، تىللا سۈيى بېرىلگەن؛ [مۇزەھھەب قىلماق ---ئالتۇن سۇ يالاتماق ، ئالتۇندىن ھەل بەرمەك]
- مۇزەھھەپ — ئاتلانغان؛ دەرھال قىلغان؛
- مۇزەھھىب — زەرگەر ئۇستا ، بىر نەرسەنى ئالتۇن رەڭلىك قىلغۇچى؛
- مۇزەييەل — ئىلاۋىلىك ، ئىلاۋىسى بار . قوشۇمچىسى بار ؛ قۇيرۇقلۇق؛ [مۇزەييەل قىلماق --- قوشۇمچە قىلماق ، ئىلاۋە قىلماق]؛