لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇردار — پاسكىنا، ناپاك ھارام ، پىچاق سۈرۈلمەي تۇرۇپ ئۆلگەن (ھايۋان) ، ئۆلۈپ قالغان (ھايۋان)؛
- مۇردارلىق — مەينەتچىلىك؛
- مۇردە — ئۆلۈك ، جەسەت ، مۇردا ؛ ئۆلگەن ، ھاياتىي كۈچىنى يوقاتقان؛
- مۇرسەل — ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ؛ ئەلچى ، پەتغەمبەر؛
- مۇرسەلىن — ؛«مۇرسەل»نىڭ كۆپلۈكى : ئەلچىلەر ، پەيغەمبەرلەر؛
- مۇرسىل — ئەۋەتكۈچى ، خەت ئەۋەتكۈچى؛
- مۇرشىد — توغرا يولغا باشلىغۇچى ، يول كۆرسەتكۈچى ؛ يېتەكچى ، ئۇستاز؛ پىر ، ئىشان؛
- مۇرشىد(مۇرشىت)؛ — توغرا يول كۆرسەتكۈچى (بۇسۆز قەدىمدىن دىنىي تەرىقەت شەيىخلىرىگە قوللىنىلاتتى)؛
- مۇرشىدى ئىشق — ئىشىق يېتەكچىسى؛
- مۇرشىدى كامىل — كامال تاپقان پىر؛
- مۇرۇر — ئۆتۈش ، بېسىپ ئۆتۈش ؛ يۈرۈش ، مېڭىش؛
- مۇرۇۋەت — مەرتلىك؛ياخشىلىقىنى سۆيگۈچى؛مەرھەمەتلىك ئالىيجاناپلىق؛
- مۇرۇۋۋەت — ئوغۇل بالىلىق ، مەردانىلىق ، قەيسەرلىك ؛ ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئالىيجانابلىق ؛سەمىمىيلىك ، ۋىجدان ؛ كەڭ قورساقلىق ، مۇلايىمل
- مۇرۇۋۋەتىي — كۆڭلى - كۆكسى كەڭ ، ئادەمگەرچىلىكى بار ، سېخىي ،ھىممەتلىك ؛ باتۇر ، قەيسەر؛
- مۇرىد — تەلەپ قىلغۇچى ، تەلەپكار ، ئىزدىگۈچى ، ئەگەشكۈچى ؛ سوپىزمدا بىرەر شەيخكە ئەگەشكەن؛ ئىشانغا قول بەرگەن؛
- مۇرىد (مۇرىت)؛ — ئىزدىگۈچى؛ ئەگەشكۈچى؛ بىرەر شەيىخكە ئەگەشكۈچى؛ئىشانغا قول بەرگۈچى؛شاگىرت؛داۋام ئەتكۈچى؛ ئوقۇغۇچى؛
- مۇرىق — ئېرىتكۈچى ، ئېرىتەرلىك ، تەسىرلىك؛
- مۇز — مۇز؛ [يەخ پارە --- مۇز پارچەسى]؛ [كوھى يەخ --- مۇز تاغ]؛ [پارەئى يەخ ---- بىر پارچە مۇز]؛ [ئابى يەخ --- مۇزدەك سۇ]؛
- مۇزا — قەدىمقى يۇنان ئەپسانەلىرىدائەدىبىيات-سەنئەت ۋە ئىلىم-پەن مەبۇدىسى(ئىلاھى، خۇداسى).؛
- مۇزائەف — ھەسسىلەنگەن ، ئىككى ھەسسە ، ئىككىگە كۆپەيتىلگەن؛
- مۇزاب — ئېرىتىلگەن ، ئېرىگەن؛ [لەئلى مۇزاب، ياقوتى مۇزاب --- (كۆچمە مەناسى) قىزىل مەي]؛
- مۇزارەبە — ئۆزئارا سوقۇشۇش ، ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشۇش ؛ بەسلىشىش ،مۇسابىقىلىشىش ،رىقابەت؛
- مۇزارىئ — ئوخشايدىغان ، بىر قېلىپتىكى ؛ ھازىرقى زامان (گرامماتىكا)؛
- مۇزاف — قوشۇلغان ؛ قوشۇمچە ؛ ئالاقىدار ، مۇناسىۋەتلىك ؛ بېقىندۇرغۇچى ئىسىم؛