لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇستەئسەل — يىلتىزىدىن قومۇرۇلغان ، يۇلۇنغان ؛ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان؛ [مۇستەئىسەل بولماق ---- تۈگەشمەك ، نەس باسماق ، تۇيۇق يولغا
- مۇستەئمەل — ئىستېمال قىلىنغان ، قوللىنىلغان ، ئىشلىتىلگەن ؛ دائىم قوللىنىلىدىغان ، ئۆتىدىغان؛
- مۇستەئىدد — ئىستېداتلىق ، تالانتلىق ، قابىلىيەتلىك ، قابىل ؛ تەخ بولغان ،تەييارلىقى پۈتكەن ، تەييار تۇرغان؛
- مۇستەبىت — زاالىملىق؛ زومىگەرلىك؛ شەخسىي خاھىشى بويىچە ئىش كۆرگۈچى؛
- مۇستەبىدد — ھاكىممۇتلەق ، ئىستىبداتچى ، زومىگەر ، زالىم ؛
- مۇستەتاب — يېقىملىق ، ياراملىق ؛ مۇنەۋۋەر ؛ ئەلا دەرەجەلىك ، ئەڭ قەدىرلىك ؛ پاك ، پاكىز؛
- مۇستەتىل — ئۇزۇنچاق ، سوزۇق ، سوزۇلغان ، ئۇزارتىلغان؛
- مۇستەجاب — تەلەپى ئىجابەت بولغان ، تىلىكى قوبۇل بولغان ؛ جاۋابقا ئېرىشكەن؛ [مۇستەجاب بولماق --- تەلەپى قوبۇل بولماق]؛
- مۇستەجابۇل دەئۋە — دۇئاسى ئىجابەت بولغان؛
- مۇستەخرەج — چىقىرىپ ئېلىنغان ، قېزىپ ئېلىنغان ، ھاسىل قىلىنغان؛
- مۇستەخرىج — قېزىپ چىقارغۇچى ، چىقارغۇچى ، ھاسىل قىلغۇچى؛
- مۇستەخلەس — خالاس قىلىنغان ؛ قويۇپ بېرىلگەن ، بوشىتىلغان ، ئازاد قىلىنغان؛
- مۇستەدام — داۋاملىق ، دائىمىي ، ئۈزلۈكسىز ، ھەمىشە ؛
- مۇستەدىر — يۇمىلاق ، دۈگىلەك ، چەمبەر شەكىللىك ؛
- مۇستەراھ — ؛(1)ئوبورنا(ئوبۇرنى)؛ خالا جاي ، ھاجەتخانا ، يۇيۇنۇش ئۆيى ، (2)ئارامگاھ ؛
- مۇستەسقىي — ئىنتايىن ئۇسسىغان ، بەك تەشنا بولغان ، چاڭقاپ كەتكەن ؛ بەدىنى ئىششىغان؛
- مۇستەسنا — ئومۇمىي قائىدەگە بويسۇنمايدىغان ؛ ئىچىگە كىرمەيدىغان ، ھېسابقا ئېلىنمايدىغان ،باشقاچە پەرقلىق؛ باشقىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت
- مۇستەشار — مەسلىھەتچى ، مەسلىھەت كۆرسەتكۈچى؛
- مۇستەشھەد — تەلەپ قىلىنغان گۇۋاھ ، دەلىل ، بىرەر كىشىنىڭ گەپ ياكى ئەسىرىدىن ئېلىنغان كۆچۈرمە ، نەقىل؛
- مۇستەغەلل — زىرائەت ئۈنىدىغان يەر ، ئاشلىق تېرىلىدىغان يەر ، مەھسۇلاتلىق يەر ، مۇقىم مۈلۈك ، يەر - زېمىن ، بايلىق؛
- مۇستەغرەق — غەرق بولغان ، چۆمگەن ، چۆكۈپ كەتكەن؛ [ مۇستەغرەق قىلماق--- غەرق قىلماق ،چۆمدۈرمەك]؛
- مۇستەغرىق — ق . مۇستەغرەق؛
- مۇستەغني — باي ، ھاللىق ، ئېھتىياجسىز ، ئوشۇقچە ، ئېھتىياجدىن ئارتۇق ؛ [تەئرىفدىن مۇستەغنيدور --- تەرىپلەپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز]؛
- مۇستەفا — سەرخىل ، سايلانغان ، تاللانغان ، ئىختىيار قىلىنغان ؛ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتى؛