لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇدبەر — نەس باسقان ، پالاكەت باسقان ، بەختسىز؛
- مۇددەئا — تەلەپ ، مۇددىئا ؛ مۇرات ، مەقسەت ، تىلەك؛
- مۇددەئايى ئاتىل — پايداسىز مۇددىئا ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان دەۋا؛
- مۇددەئى — دەۋاگەر؛
- مۇددەتۇلئۇمر — ئۆمۈر بويى؛
- مۇددەتىي — بىردەم ، بىرئاز ۋاقىت ؛
- مۇدرەك — ئىدراك قىلىنغان ، چۈشىنىلگەن ، بىلىنگەن؛
- مۇدرىك — ئىدراك قىلغۇچى ، چۈشەنگۈچى ، بىلگۈچى؛
- مۇدغەم — كىرىشكەن ، بىرىككەن ، يوشۇرۇنغان ؛ ئەرەب تىلىدا چىقىش ئورنى جەھەتتىن بىر - بىرىگە يېقىن بولغان تاۋۇشلارنى بىر - بىرىگە س
- مۇدمىن — بىرەر ئىشقا ئادەتلەنگۈچى ، بېرىلگۈچى ، مەپتۇن ، مەھلىيا؛
- مۇدھىش — قورقۇنچلۇق ، ئادەمنى چۆچۈتىدىغان؛ دەھشەتلىك؛
- مۇدىقق — دىققەت قىلغۇچى ، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغۇچى ، نازۇك چۈشەنچلىك ؛
- مۇرائات — رىئايە قىلىش ، ئەمەل قىلىش ، بىراۋنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ،يۈز - خاتىرە قىلىش؛
- مۇراجەئەت — قايتىش ، يېنىش ؛ تەكرار كۆرۈش ، تەكشۈرۈش ؛ پىكىر ،مەسلىھەت؛ [مۇراجەئەت قىلماق --- قايتماق ، يانماق]؛
- مۇراد (مۇرات)؛ — ئىستەك ؛ مەقسەت؛ ئارزۇ قىلىنغان نەرسە؛
- مۇرادات — ؛«مۇراد»نىڭ كۆپلۈكى : مۇراتلار ، مەقسەتلەر ، تىلەكلەر؛
- مۇرادىف — مەناداش ، ئوخشاش بىر مەنانى بىلدۈرىدىغان ، ئارقاسىدىنلا كەلگەن ، كەينىچىلا يېتىپ كەلگەن؛
- مۇراسىم/تەنتەنە — Ceremony(ئىسىم)--مۇھىم ۋەقە، بايرام ياكى دىنىي ئىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن قائىدە بويىچە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان رەسمىي مۇراسىم، تەنت
- مۇراقىبە — Meditation(ئىسىم)--روھىي ياكى جىسمانىي ئارام ئېلىش، ئەڭلىك ئاشۇرۇش، دىققەتنى جەملەش مەقسەتىدە چوڭقۇر ئويلىنىش، مۇراقىبە
- مۇرەببا(مۇراببا)؛ — شېكەرقوشۇپ قاينىتىلغان مىۋە؛
- مۇرەببەئ — تۆت تەرەپلىك ، تۆت بۇلۇڭلۇق ، كىۋادرات؛
- مۇرەببى — تەربىيەلىگۈچى؛ئۆستۈرگۈچى؛غەمخور؛
- مۇرەببىي — تەربىيەچى؛
- مۇرەتتەب — تەرتىپكە سېلىندىغان ، رەتلەنگەن ، تىزىلغان؛ [مۇرەتتەب ئەيلەمەك، مۇرەتتەب ئەتمەك --- تەرتىپكە سالماق ، تىزماق ، رەتلىمەك]