لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇختىي — خاتا قىلغان ، خاتالاشقان ، ئەيىبكار ، گۇناھكار؛
- مۇخلىس — ئىخلاس قىلغۇچى ، ئىخلاسمەن ؛ چىن يۈرەكتىن بېرىلگەن ،سادىق؛
- مۇخلىسانە — ئىخلاسمەنلىك بىلەن ، چىن يۈرەكتىن ، ساداقەتمەنلىك بىلەن؛
- مۇخىل ل — زىيان يەتكۈزگۈچى ، بۇزغۇچى ، قالايمىقانلاشتۇرغۇچى ، تىنچسىلاندۇرغۇچى ، ئازار بەرگۈچى؛
- مۇداپىئە — قوغداش ، ھىمايە قىلىش ، ساقلاش ، ئالدىنى ئېلىش ، ساقلىنىش؛ بىراۋنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تەييار تۇرماق؛ ئالدىنى ئالماق؛ تاقابى
- مۇداخىلە — ئارىغا كىرىش ، قول تىقىش ، ئارىلىشىش؛
- مۇدارا — ئەسلىي نىيەتىنى ئاشكارىلىماي ، يالغاندىن ياخشى كۆرۈنۈش ، ياخشىچاق بولۇش ، تەخسە كۆتۈرۈش ، دولا قېقىش ؛ ئېھتىيات قىلىش ؛
- مۇدافىئ — قوغدىغۇچى ، ھىمايە قىلغۇچى؛
- مۇدام — دائىم ، ھەمىشە ، مەڭگۈ ، ئەبەدىي ؛ مەي ، شاراب ؛
- مۇدامە — ھاراق ، شاراب ؛
- مۇداھەنە — يالاقچىلىق قىلىش؛ [مۇداھەنە خۇشامەتگۇيلۇق --- ئىككى يۈزلىمىچىلىك]؛
- مۇداۋا — داۋالاش ، داۋا ، شىپا؛ [مۇداۋا ئەيلەمەك --- داۋالىماق]؛
- مۇداۋەمەت — داۋام ئەتتۈرۈش ، داۋاملاشتۇرۇش ، بىرەر ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشلەش؛
- مۇدەەئىي — دەۋاگەر ، دەۋا قىلغۇچى ، رەقىب؛
- مۇدەببىر — تەدبىر قىلغۇچى ، ئىدارە قىلغۇچى؛
- مۇدەررىس — دەرس بەرگۈچى ، مۇئەللىم ، مەدرىسە مۇئەللىمى؛ دەرس ئۆتكۈچى؛ يۇقارى دەرەجەلىك مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى؛
- مۇدەققىق — ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگۈچى ، تەتقىق قىلغۇچى؛
- مۇدەللەل — ئىسپاتلانغان ، تولۇق پاكىتقا ئىگە؛
- مۇدەللىل — دەلىللىگۈچى ، ئىسپاتلىغۇچى ، ئاساسلىغۇچى ؛ ئىسپات ، گۇۋاھ؛
- مۇدەممەغ — ھاكاۋۇر ، دىمىقى ئۈستۈن ؛ ئەخمەق ، دۆت ؛ سۆرۈن تەلەت؛
- مۇدەۋۋەر — يۇمىلاق ، دۈگىلەك ؛
- مۇدەۋۋەن — توپلام قىلىنغان ، مەلۇم تەرتىپ بىلەن كىتاب ھالەتىگە كەلتۈرۈلگەن، دىۋانلاشتۇرۇلغان؛
- مۇدەۋۋىر — دەۋر قىلىدىغان ، چۆرگىلەيدىغان ، ئايلىنىدىغان ، پىرقىرايدىغان؛
- مۇدەۋۋىن — توپلىغۇچى ، بىرەر پەنگە ئائىت ماقالىلەرنى توپلاپ ، ئىزاھلاپ ، كىتاب ھالەتىگە كەلتۈرگۈچى ، دىۋانچى؛