لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇخەددەر — پەردە شەبلىك ، نومۇسلۇق ، ئىپپەتلىك ؛ مەست قىلىنغان ، ھوشسىزلاندۇرۇلغان؛
- مۇخەددەرە — نومۇسلۇق ، ئىپپەتلىك ئايال؛
- مۇخەسسەس — مەخسۇس بەلگەلەنگەن ، ئالاھىدە يۈكلەنگەن ، تەيىنلەنگەن؛ [ۋەزىفەئى مۇخسسەس --- ئالاھىدە يۈكلەنگەن ، مەخسۇس تاپشۇرۇلغان ۋەز
- مۇخەللەد — دائىمىي ، ئەبەدىي ، مەڭگۈ ؛
- مۇخەللەس — نىجات تاپقان ، قۇتۇلغان ، خالاس تاپقان ، ئازاد بولغان؛
- مۇخەللىس — قۇتقۇزغۇچى ، نىجاتلىق بەرگۈچى ، نىجات يۇلتۇزى ، ئازاد قىلغۇچى ، نىجاتكار ، خالاس قىلغۇچى؛
- مۇخەممەر — ئېچىغان ، بولغان خېمىر ، خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان ؛ خېمىرتۇرۇچ ، ئېچىتقۇ؛
- مۇخەممەس — مۇخەممەس (ھەربىر كۇپلېتى بەش مىسرادىن تەركىب تاپقان شېئىر ، بەشلىك شېئىر) ؛بەش قىرلىق ؛
- مۇخەننەس — ھەزىلەك ، خۇمسى ؛ ئوسال ئىنسان ؛
- مۇخەييەر — ئىختىيارلىق ، بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىختىيارى ئۆزىدە بولغان؛
- مۇخەييەل — خىيال قىلىنغان ، تەسەۋۋۇر قىلىنغان ، پەرەز قىلىنغان ؛ خىيالدىكى؛
- مۇخبىر — خەۋەر بەرگۈچى ، خەۋەر يەتكۈزگۈچى ، خەۋەرچى؛
- مۇختار — ئىختىيارلىق ، ھوقۇقلۇق ، ئەركىن ، ئىختىيارى ئۆزىدە بولغان؛ تاللانغان ، خىللانغان، سەرخىل؛
- مۇختارىيەت — مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى؛
- مۇختەرەئ — يېڭىدىن يارىتىلغان ، يېڭىدىن ئويلاپ تېپىلغان ، كەشىپ قىلىنغان ، ئىختىرا قىلىنغان؛
- مۇختەرىئ — يېڭىدىن ياراتقۇچى ، ئىشتىرا قىلغۇچى ، ياراتقۇچى؛
- مۇختەرىئى بەندەنەۋاز — بەندىلىرىنى ئاسرىغۇچى ئىگە (ئاللاھ)؛
- مۇختەسەر — قىسقارتىلغان ، قىسقارتىلما ، قىسقىچە ، ئىخچام ، يىغىنچاق؛ قىسقىسى؛
- مۇختەسسىپ — تەپتىش قىلغۇچى؛ شەرىئەتكە خىلاپ ئىشلارنى تەكشۈرگۈچى؛ بازاردا ئىشلىتىلىۋاتقان تارازا، باھا قاتارلىقلارنى نازارەت قىلغۇچى؛
- مۇختەفىي — بېكىنگەن ، يوشۇرۇن ، مەخپىي؛
- مۇختەل ل — زىيانغا ئۇچرىغان ؛ بۇزۇلغان ؛ تەرتىپسىز؛ قالايمىقان؛ [مۇختەل ل ئەيلەمەك --- بۇزماق ؛ زىيان يەتكۈزمەك]؛
- مۇختەلەف — ئىختىلاپلىق ، ئوخشاشمايدىغان ، پەرقلىق ، زىددىيەتلىك ؛ ھەرخىل ، تۈرلۈك؛
- مۇختەلەف فىھ — ئىختىلاپقا سەۋەب بولغان نەرسە ، ئىختىلاپلىق ، بىرلىككە كەلمىگەن؛
- مۇختەلىف — ھەر خىل ، ھەر تۈرلۈك ، خىلمۇخىل ؛ قارىمۇقارشى ، ئىختىلاپلىق؛