لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇجتەمىئە — توپلام ، بىرىكمە ، توپ؛
- مۇجتەنىب — ئۆزىنى تارتقۇچى ، ئۆزىنى چەتكە ئالغۇچى ، پەرھىزكار ، ھەزەر قىلغۇچى ، ساقلانغۇچى ؛نەپرەتلەنگۈچى؛ [مۇجتەنىب بولماق --- ئۆز
- مۇجتەھىد — ئىجتىھاتچان ، تىرىشقۇچى ، تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچى ؛ ئەنئەنەۋى دىنىي قائىدەلەرنى ئۆزگەرتىپ يېڭى مەزھەپ تۈزگۈچى؛
- مۇجرىم — گۇناھكار ، ئەيىبكار؛
- مۇجمەل — قىسقارتىلغان ، ئىخچاملانغان ، يەكۈنلىگەن ؛ ئىخچام ، قىسقىچە ،ئاددىي ، ئىزاھلاشقا تېگىشلىك ؛ مۇھىم نۇقتا ، ئاساسىي مەزمۇن
- مۇجمەلات — ؛«مۇجمەل»نىڭ كۆپلۈكى : قىسقارتىپ ئېيتىلغان سۆزلەر ، يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك سۆزلەر؛
- مۇجمەلەن — قىسقارتىپ ، قىسقىچە ، يەكۈنلەپ ، ئىخچاملاپ؛
- مۇجىب — بىرەر ئىش ياكى ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغۇچى ،سەۋەبچى ، سەۋەبكار سەۋەب؛
- مۇجىبات — ؛«موجىب»نىڭ كۆپلۈكى : سەۋەبلەر؛
- مۇجىبى ئىنتىباھ — ئاگاھلاندۇرغۇچى ، ئاگاھلىنىشقا سەۋەب بولغۇچى؛
- مۇجىبى فەنا — پانىي بولۇشقا (يوقۇلۇشقا ) سەۋەپ بولغۇچى ؛ فەنا بولۇشقا سەۋەپ بولغۇچى؛
- مۇجىپ — سەۋەپچى ؛ لازىم تۇتقۇچى؛
- مۇچە — بۆلەك؛ جۈملىدىكى تەڭداش بۆلەك؛
- مۇچەك — سۆيۈش ، ئۆپۈش؛
- مۇخ — مېڭە ، مېڭە قېتىقى ؛ ئىلىك ؛ كۆچمە مەنسى: جەۋھەر ، مېغىز ؛ نەتىجە ، خۇلاسە؛
- مۇخاتەب — ئاڭلىغۇچى ، تىڭشىغۇچى ؛ ئىككىنچى شەخس (گىرامماتىكىدا ) ؛
- مۇخاتەرە — خەتەر ، خەۋپ - خەتەر ؛ قاراملىق؛
- مۇخاتىب — سۆزلەگۈچى ، نۇتۇق ئېلان قىلغۇچى؛
- مۇخاسەمەت — ئىككى ئارىدا جېدەل پەيدا بولۇش ، خۇسۇمەت پەيدا بولۇش ،دۈشمەنلىشىش ،ئاداۋەتلىشىش ؛
- مۇخالەفەت — كېلىشەلمەسلىك ، قارىمۇقارشىلىق ؛ زىتلىق ، ئۆزئارا قوشۇلماسلىق ، بويسۇنماسلىق؛
- مۇخالىپ مىزاج — تەتۈر تەبىئەتلىك؛
- مۇخالىپ/مەقابىل — خىلاپ؛ قارشى كەلگەن ؛ زىت؛
- مۇخالىف — قارىمۇقارشى ، ئەكسىچە ، قارشىلىق قىلغۇچى ، توسقۇچى ؛ قارشىلىشىش؛ [مۇخالىف مەزاق --- (كۆچمە مەناسى) زىت تەبىئەتلىك ، تەتۈ
- مۇخالىفەت — قارشىلىق ، ئىسيان ، قارشىلىق كۆرسىتىش ؛ قوشۇلماسلىق ،ياقلىماسلىق ؛ ئايرىما ، پەرق؛