لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇتلەقەن — شەرتسىز ھالدا ، جەزمەن ، قەتئىي تۈردە، ، شەكسىز رەۋىشتە؛
- مۇتلەقۇل ئىنان — تىزگىنى قويۇۋېتىلگەن ، ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتىلگەن؛
- مۇتلىف — يوقاتقۇچى ، خاراب قىلغۇچى ، تارمار قىلغۇچى ، بۇزۇپ چاچقۇچى ،ئىسراپخور ، بەتخەج؛
- مۇتمەئىن — تىنچ ، ئارام ئالغان ، خاتىرجەم ، كۆڭلى توق؛ [مۇتمەئىن تۇتماق --- تىنچلاندۇرماق ، تىنچلىقتا تۇتماق]؛
- مۇتۇن — ؛«مەتن»نىڭ كۆپلۈكى : تېكىستلەر ، مەتىنلەر؛
- مۇتىئ — ئىتائەت قىلغۇچى ، بويسۇنغۇچى ، پەرمانبەردار ، گەپ ئاڭلايدىغان؛ تىز پۈككەن ،ئۆگىتىلگەن؛ [ مۇتىئ ئەتمەك --- بويسۇندۇرماق ،
- مۇتىۋەللى — مەسجىد؛ مەدرىسلەرنىڭ خوجۇلۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل كىشى؛ ئىگەدارچىلىق قىلغۇچى؛
- مۇجادىل — گەپ تالاشقۇچى ، جېدەللەشكۈچى ، مۇنازىرىلەشكۈچى؛
- مۇجازەبە — ئۆزئارا جەلپ قىلىش، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش؛
- مۇجاھەدە — تىرىشچانلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىش؛ نەپسىنى يىغىش ئۈچۈن كۈرىشىش ؛ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىش ؛ غازات قىلىش؛
- مۇجاھىد — تىرىشچانلىق كۆرسەتكۈچى ، چىلىشچى ، كۈرەشچى ، جەڭچى ، نەپسىنى يىغىپ پاكلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى؛ دىن ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى ،
- مۇجەررەد — يالىڭاچ ؛ تەنھا ، يەككە ، يالغۇز ؛ بويتاق ، ئۆيلەنمىگەن ؛ پەقەت ،پەقەتلا؛ [مۇجەررەد يۈرمەك --- بويتاق يۈرمەك ، يالغۇز يۈ
- مۇجەررەدلىق — تەنھالىق ، يەكلىك ، بويتاقلىق؛
- مۇجەسسەم — يىغىلغان؛ جەملەنگەن؛ گەۋدىلەنگەن؛
- مۇجەللا — جۇلالىق ، يالتىراق ، پارقىراق ، يالتىراپ تۇرىدىغان ، پارلاق ، روشەن؛ [مۇجەللا قىلماق --- پارقىراتماق ، نۇرلاندۇرماق]؛
- مۇجەللەد — تۈپلەنگەن ، كىتاب قىلىنغان ، مۇقاۋىلانغان ، توم ، قىسىم ؛ [بۇ كىتاب غايەت گۈزەل مۇجەللەددۇر --- بۇ كىتاب ناھايىتى ئېسىل
- مۇجەللىد — كىتاب تۈپلىگۈچى ، مۇقاۋىچى ، كىتاب تاشلىغۇچى؛
- مۇجەننىن — ساراڭ قىلىدىغان ، ئەقلىدىن ئازدۇرىدىغان؛
- مۇجەۋۋەز — رۇخسەت قىلىنغان ، تەستىقلانغان ، قانۇنلۇق؛
- مۇجەۋۋىد — ياخشىلىغۇچى ، ھەرپلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىپ ، قائىدەگە مۇۋاپىق ئوقۇغۇچى ؛ قۇرئاننى قىرائەت قىلغۇچى؛
- مۇجبى كەلال — مالاللىق سەۋەبچىسى؛
- مۇجتەبا — تاللانغان ، سايلانغان ، ياراملىق ، خىللانغان؛
- مۇجتەسس — يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ ئېلىنغان ، ئۈزۈلگەن ؛ ئارۇز ۋەزىندىكى بىر بەھرنىڭ نامى؛
- مۇجتەمىئ — توپلانغان ، يىغىلغان ، جەم بولغان ؛ جەمئىيەت؛ [ مۇجتەمىئ بولماق --- توپلانماق ،يىغىلماق]؛