لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇتەۋەسسىت — ئوتتۇرىغا كىرگەن ، ۋاسىتە بولغان ، ئوتتۇرا ؛ ئوتتۇراھال؛
- مۇتەۋەللى — ۋەخپە مۈلۈكنى باشقۇرغۇچى ، مۇتىۋەللى؛
- مۇتەۋەللىد — تۇغۇلغان ، دۇنياغا كەلگەن؛ [مۇتەۋەللىد بولماق --- تۇغۇلماق]؛
- مۇتەۋەھھىش — قورققان ، قورقۇنچقا چۈشكەن ، خەۋپسىرىگەن ؛ دەھشەت باسقان؛ [مۇتەۋەھھىش بولماق --- قورقۇنچ ئىچىدە قالماق ، قورقماق]؛
- مۇتەۋەھھىم — ۋەھىمە باسقان ، ئەندىشە ئىچىدە قالغان؛
- مۇتەۋۋەتتىن — بىرەر يەرنى ئۆزىگە ۋەتەن قىلغان ، ئولتۇراقلاشقان ، يەرلەشكەن ، جايلاشقان ،ماكانلاشقان؛
- مۇتەۋۋەل — ئۇزارتىلغان، سوزۇلغان؛ [مۇتەۋۋەل قىلماق --- سوزماق، ئۇزاتماق]؛
- مۇتەيەققىن — ئىشەنگۈچى ، چىن پۈتكۈچى ، شەك كەلتۈرمەيدىغان ، گۇمان قىلمايدىغان؛
- مۇتتەسىف — بىرەر سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ، ماختالغان ، تەرىپلەنگەن؛ [مۇتتەسىف بولماق --- سۈپەتلەنمەك ، ماختالماق ، مەدھىيەلەنمەك]؛
- مۇتتەسىل — تۇتاش ، بىر تۇتاش ، ئۈزۈلمەس ، ئۈزلۈكسىز ؛ دائىما ؛ ھەمىشە؛
- مۇتتەفەق — قارار ، ماقۇللانغان پىكىر؛ [مۇتتەفەق ئەلەيھى --- ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان]؛
- مۇتتەفىق — بىر پىكىرگە كەلگەن ، بىر قارارغا كېلىشكەن ، ئىتتىپاقلاشقان ، بىرلەشكەن ، ئىتتىپاقداش؛ [مۇتتەفىق بولماق --- بىرلىككە كەلم
- مۇتتەفىقۇل كەلىمە — بىر ئېغىزدىن ، ھەممە بىر نىيەتتە ، ھەممە بىردەك ، ئوخشاش ، مەسلەكداش؛
- مۇتتەقىي — تەقۋادار ، پەرھىزلىك ، گۇناھلىق ئىشلاردىن ساقلانغۇچى ؛ ئىخلاسمەن ، ھالال ئىش قىلغۇچى؛
- مۇتتەكا — تايانچۇق ، يانتاياق ، ھاسا ، تايىنىلىدىغان نەرسە ؛ تەكىي ، ياستۇق؛ كۆچمە مەناسى:مەدەتكار؛
- مۇتتەلىئ — خەۋەردار ، ئاگاھ ، بىلىدىغان ؛ مۇكەممەل بىلىدىغان ، پىششىق بىلىدىغان ؛ ھەممەدىن خەۋەردار؛
- مۇتتەھەم — ئەيىبكار ، ئەيىبلەنگۈچى ، گۇمانلىق سانالغان ؛ تۆھمەت قىلىنغان؛
- مۇتتەھىد — بىرلەشكەن ، ئىتتىپاقلاشقان ، بىرلىككە كەلگەن ؛ بىر نىيەتكە ھەمكارلاشقان ؛ ئىتتىپاقداش؛
- مۇتتەھىدەن — بىرلىشىپ ، ئىتتىپاقلىشىپ ، بىرلىكتە ، ئۆملۈكتە ، بىر نىيەتتە؛
- مۇتتەھىم — شىكايەت قىلغۇچى ، ئەرز قىلغۇچى ؛ تۆھمەت قىلغۇچى ، قارىلىغۇچى؛
- مۇترىب — چالغۇچى ، سازەندە ناخشاچى؛ كۆچمە مەناسى: زوھرا (ۋېنىرا) يۇلتۇزى؛
- مۇترىپ — سازچى؛ سازەندە (ئەرەبچە)؛
- مۇتلەق — Absolute(سۈپەت/ئىسىم)--تولۇق، پۈتۈن، مۇتلەق، چەكسىز، شەرتسىز، نىسبىي ئەمەس، ئۆزگەرمەس، ھېچقانداق چەكلىمەسى يوق، ھېچ ئىست
- مۇتلەق(1) — شەرتسىز ، بىرەر نەرسە بىلەن چەكلەنمىگەن؛ ئەسلا ، ھېچ ، ھەرگىز ،پەقەت ؛ مۇستەبىت ؛ھۆر ، ئەركىن؛ [ مۇتلەقۇلئىنان --- ئارغا