لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇتەناھى — ئاخىرىغا يەتكەن ، ئاخىرلاشقان ، تۈگىگەن؛ [ نامۇتەناھى --- چەكسىز ، چېگراسىز ،پۈتمەس - تۈگىمەس]؛
- مۇتەنەببىي — پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغۇچى ، ئۆزىنى پەيغەمبەر ئاتىۋالغۇچى؛ مەشمۇر ئەرەب شائىرى ئەبۇ تەييىبنىڭ (915 - 965 ) لەقىبى؛
- مۇتەنەففىر — نەپرەتلەنگۈچى ، يىرگەنگۈچى ، ئۆچ؛ [مۇتەنەففىر بولماق --- نەپرەتلەنمەك]؛
- مۇتەنەففىس — نەپەس ئالغۇچى ، تىرىك ؛ ئادەم ، ئىنسان ؛ جانلىق نەرسە ؛
- مۇتەنەككىر — ئۆزىگە گىرىم قىلىۋالغان ، نىقابلىنىۋالغان ، باشقا سۈرەتكە كىرىۋالغان ؛ ناتونۇش ،تونۇشمايدىغان؛
- مۇتەنەۋۋەر — نۇرلۇق ، پارلاق ، يورۇق؛
- مۇتەنەۋۋىئ — ھەر خىل ، خىلمۇخىل ، تۈرلۈك ؛
- مۇتەننەببىھ — ئاگاھلاندۇرۇلغان ، ھوشيار قىلىنغان ؛ ئاگاھلانغان ، ھوشيار تۇرغان ، سەگەك؛
- مۇتەھەتتىك — رەسۋا ، شەرمەندە ، يۈزى قېلىن ، پەردىشەپى يوق؛
- مۇتەھەررىك — مىدىرلاپ تۇرىدىغان ، قىمىرلاپ تۇرىدىغان ، ھەرىكەتلىك ،ھەرىكەتچان ؛ ھەرىكلىك(زىر ،زەۋەر ياكى پەش قويۇلغان)؛
- مۇتەھەسسىر — ھەسرەتلەنگۈچى ، ھەسرەت چەككۈچى؛
- مۇتەھەسسىل — ھاسىل بولغان ، ۋۇجۇتقا چىققان ، پەيدا بولغان ؛ تەشكىل تاپقان؛
- مۇتەھەققىق — ئىشەنچلىك ، توغرىلىقىدا شەك يوق ، توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ،ھەقىقىي ، راست؛
- مۇتەھەممىل — چىداملىق ، كۆتۈرۈشلۈك ، قەيسەر ، سەۋر - تاقەتلىك؛
- مۇتەھەۋۋىر — جەسۇر ، دادىل ؛ رەھىمسىز ، غەزەپلىك ؛ غەزەپ بىلەن ھۇجۇم قىلغۇچى ، توپتوغرا بۆسۈپ كىرگۈچى؛
- مۇتەھەۋۋىل — ئۆزگەرگەن ، ئاينىغان ، ئۆزگىرىشچان ، ئاسان ئاينىيدىغان ، تۇترۇقسىز ، تۇتامسىز؛
- مۇتەھەييىر — ھەيران قالغان ، تاڭ قالغان ، ھەيرانى؛ [مۇتەھەييىر بولماق --- ھەيرانلىقتا قالماق ،تاڭ قالماق]؛
- مۇتەھھەر — تازىلانغان ، پاكىزىلەنگەن ؛ تازا ، پاك ، پاكىز؛
- مۇتەۋاتىر — ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ، يېيىلغان ، تارقالغان؛ توختاۋسىز ، ئۈزلۈكسىز ؛ ئايان بولغان؛
- مۇتەۋارى — مۆككەن ، يوشۇرۇن ، كۆرۈنمەيدىغان ؛ ئۇزاق؛ [مۇتەۋارى ئەتمەك --- يوشۇرماق ،كۆرۈنمەيدىغان قىلماق]؛ [ مۇتەۋارى ئولماق --- بې
- مۇتەۋازىئ — كەمتەر ، كىبىرسىز ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدىغان ؛ ئەدەپلىك؛
- مۇتەۋالى — بىر تۇتاش ، ئۈزۈلمەيدىغان ؛ ئۈزلۈكسىز ، ئارقىمۇئارقا ، ئۇدا؛
- مۇتەۋەججىھ — يۈز تۇتقان ، يۈزلەنگەن ، يۆتەلگەن؛ [مۇتەۋەججىھ بولماق --- يۆنەلمەك ،يۈزلەنمەك ، يۈز تۇتماق ، يۈرمەك ، ماڭماق ، ئاتلانماق
- مۇتەۋەررىئ — تەقۋادار ، ئىخلاسمەن ، سادىق؛