لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇتەفەككىر — تەپەككۇر قىلغۇچى ، پىكىرگە چۆمگۈچى ، ئۇزاق ئويلانغۇچى ،كەڭ پىكىرلىك ؛مۇتەپەككۇر؛
- مۇتەقاتىئ — ئۆزئارا كېسىشكەن ، بىر - بىرىنى كېسىپ ئۆتكەن ؛
- مۇتەقارىب — ئۆزئارا يېقىن ، بىر - بىرىگە يېقىن بولغان ؛ ئارۇز ۋەزنىنىڭ بىر تۈرى؛
- مۇتەقازى — قاتتىق تۇرۇپ تەلەپ قىلغۇچى ، تەقەززالىق بىلەن ئۈمىد قىلغۇچى ؛ تەلەپكار ؛ دەۋاگەر؛
- مۇتەقەددىم — بۇرۇن ، ئۆتكەن ، قەدىمقى؛
- مۇتەقەددىمىن — ؛«مۇتەقەددىم»نىڭ كۆپلۈكى : ئىلگىرى ئۆتكەنلەر ،قەدىمقى كىشىلەر ، قەدىمقىلەر؛
- مۇتەكەببىر — كىبىرلىك ، دىمىقى ئۈستۈن ، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچى ، ھاكاۋۇر؛
- مۇتەكەببىرانە — تەكەببۇرلارچە ، تەكەبيۇرلۇق بىلەن ، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن؛
- مۇتەكەففىل — كېپىل بولغان ، كېپىللىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ، كاپالەتلىك قىلغۇچى؛ [مۇتەكەففىل بولماق --- كېپىل بولماق]؛
- مۇتەكەللىف — ھەشەمەتلىك ، زىننەتلىك ، بېزەلگەن ؛ كۈچ سەرپ قىلغۇچى؛
- مۇتەكەللىم — سۆزلەگۈچى ، ناتىق ، بىرىنچى شەخس (گىراماتىكىدا) ؛
- مۇتەكەللىمى ۋاھىد — بىردىن بىر سۆزمەن ، يېگانە ناتىق؛ [ئۆزىنى مۇتەكەللىمى ۋاھىد تۇتماق --- ئۆزىنى بىردىن بىر سۆزمەن قىلىپ كۆرسەتمەك ؛ باشقىل
- مۇتەلالا(مۇتەلالى)؛ — روشەن ، يورۇق ، نۇرلۇق ، پارلاق؛
- مۇتەلەززىز — لەززەتلەنگەن ، ھۇزۇرلانغان ، قانائەت ھاسىل قىلغان ؛ شادلىققا چۆمگۈچى ،ھۇزۇرلانغۇچى؛
- مۇتەللا — تىللا قاپلانغان ، ئالتۇن سۈيى بېرىلگەن ، ئالتۇن سۈيى يالىتىلغان؛
- مۇتەللىپ — تەلەپ قىلغۇچى؛
- مۇتەمەتتىئ — پايدىلانغۇچى ، بەھرىلەنگۈچى ، نەپ ئالغان ، مەنپەئەتلەنگەن؛
- مۇتەمەررىد — قارشى تۇرىدىغان ، قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ، ئىتائەتسىز ،بوينى قاتتىق ، ئىسيانچى ، توپىلاڭچى؛
- مۇتەمەررىدليق — قارشىلىق ، ئىتائەتسىزلىك ، بوينى قاتتىقلىق ؛ ئىسيانچىلىق ،توپىلاڭچىلىق؛
- مۇتەمەسسىل — تەقلىد قىلغۇچى ، ئۆزىنى باشقا بىرسىگە ئوخشاتقۇچى؛ [مۇتەمەسسىل بولماق ---بىر شەكىلدىن ئۆزگىرىپ باشقا بىر شەكىلگە كىرمەك]؛
- مۇتەمەككىن — بىر جايدا مەھكەم تۇرغۇچى ، مۇقىم ؛ تەۋرىمەس؛
- مۇتەمەۋۋىل — باي ، بەدەۋلەت ، توق ، ئېھتىياجسىز؛
- مۇتەمەييەز — ئايرىلغان ، ئاجرىتىلغان ، پەرقلەندۈرۈلگەن ؛ پەرقلىق؛ [مۇتەمەييەز قىلماق --- ئايرىماق ، پەرقلەندۈرمەك]؛
- مۇتەناسىب — ئۆزئارا ماسلاشقان ، مۇناسىپ ؛ مۇۋاپىق ؛ تەڭ نىسبەتلىك؛