لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇتەرجىم — تەرجىمان ، تەرجىمە قىلغۇچى؛
- مۇتەررا — پاكىزلانغان، ئۇچى بۇرمىلانغان چاي؛
- مۇتەررەز — گۈل چېكىلگەن ، كەشتىلەنگەن ، بېزەلگەن ؛ گىجىم ، چىلتەك؛
- مۇتەررىز — كەشتە ئىشلىگۈچى ، گۈل چەككۈچى؛
- مۇتەزەررىر — زىيانغا ئۇچرىغان ، زەرەر كۆرگەن ، زىيان تارتقان؛
- مۇتەزەلزىل — تىترىگۈچى ، سىلكىنگۈچى ، تەۋرىگۈچى ، تەۋرىنىپ تۇرغان ،لىڭشىپ قالغان؛
- مۇتەزەممىن — ئۆز ئىچىگە ئالغان ، ئۆز ئىچىگە ئالغۇچى ؛ ئۆز زىممىسىگە ئالغۇچى؛
- مۇتەزەۋۋىج — ئۆيلەنگەن ، ئۆي - ئوچاقلىق بولغان ئادەم؛
- مۇتەسەددىي — مەلۇم بىر ئىشقا ئىخلاس بىلەن كىرىشكۈچى ، بىرەر ئىشنى باشلىغۇچى ، تەشەببۇسكار؛
- مۇتەسەررىف — بىرەر ئىشنى ئۆز خاھىشى بويىچە بېجىرەلىگۈچى ، تەسەررۇپ قىلغۇچى ، ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىك قىلغۇچى؛ [مۇتەسەررىف تەبئلىق --- ز
- مۇتەسەللى — كۆڭلى ئېچىلغان ، غەم - قايغۇسى كۆتۈرۈلگەن ، كۆڭلى تەسەللى تاپقان؛
- مۇتەسەۋۋەر — تەسەۋۋۇر قىلىنغان ، زېھنىگە كەلتۈرۈلگەن ، ئويلانغان؛ كۆرۈنگەن ، سۈرەتلەنگەن ،سىزىلغان؛
- مۇتەسەۋۋىف — تەسەۋۋۇپچى ، سوپىزم مۇرىتى؛
- مۇتەشەررىئ — شەرىئەتچىل ، تەقۋادار؛
- مۇتەشەررىف — شەرەپكە ئىگە بولغان ، شان - شەرەپكە ئېرىشكەن؛
- مۇتەشەككىر — رەھمەت ئېيتقۇچى ، تەشەككۈر ئېيتقۇچى؛
- مۇتەشەككىل — بىر خىل شەكىلگە كىرگەن ، شەكىللەنگەن ؛ تەركىب تاپقان ،تۈزۈلگەن ؛
- مۇتەغەللىب — زورلۇق بىلەن قولغا ئالغۇچى ، زورلۇق بىلەن ئىگىلىگۈچى ،زومىگەر؛
- مۇتەغەييىر — ئۆزگەرگەن ، ئۆزگەرگۈچى ؛ ئۆزگىرىشچان ، تۇراقسىز ؛
- مۇتەغەييىرە — ئايرىم ، باشقا؛
- مۇتەفاۋىت — پەرقلەنگەن ، پەرقلىنىدىغان ، پەرقلىق ، ئوخشاشمايدىغان ، ھەرخىل؛
- مۇتەفەررىئ — شاخلانغان ، بۆلۈنۈپ كەتكەن ، تارماقلىق؛
- مۇتەفەررىق — چېچىلغان ، توزۇغان ، سورۇلغان ؛ پەرىشان ؛ ھەر رەڭدىكى ،تۈرلۈك تۈمەن ؛ بىر -بىرىدىن پەرق قىلىدىغان؛
- مۇتەفەررىقە — تارقاق ، چېچىلغان ، چېچىلاڭغۇ؛