لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇتەئەممىدەن — قەستەن ، ئەتەي ، ئويلاپ؛
- مۇتەئەممىل — ئويلىغۇچى ، پىكىر قىلغۇچى ، ئويغا چۆككۈچى ، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغۇچى؛
- مۇتەئەھھىد — بىر ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ؛ كېپىلللىك قىلغان ، كاپالەتلىك بەرگەن ؛ ۋەدە قىلغان؛ [مۇتەئەھھىد بولماق --- ئۆز دەستىگە ئا
- مۇتەئەھھىل — ئۆيلەنگەن ، ئۆي - ئوچاقلىق بولغان؛ [مۇتەئەھھىل بولماق --- ئۆيلەنمەك ، خوتۇن ئالماق ، بالا - چاقىلىق بولماق]؛
- مۇتەبەررەك — تەۋەررۈك ، قۇتلۇق ؛ شەرەپلىك ؛ مۇقەددەس ، پاك ، تەڭداشسىز؛
- مۇتەبەررىن — روشەن؛
- مۇتەبەسسىر — چوڭقۇر ئويلىغۇچى ، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغۇچى ؛ يىراقنى كۆرگۈچى ، دانا ، ئالدىن كۆرەر؛
- مۇتەبەسسىم — تەبەسسۇم قىلغان ، كسۈلۈمسىرىگەن ، مىيىقىدا كۈلگەن؛ [مۇتەبەسسىم بولماق --- تەبەسسۇم قىلماق، كۈلۈمسىرىمەك]؛
- مۇتەبەھھىر — كەڭ ۋە چوڭقۇر مەلۇماتلىق ، چوڭ ئالىم ، كامالەتكە يەتكەن ئادەم؛
- مۇتەببەق — قاتلاملىق ، قاپقاقلىق ، قەۋەتمۇقەۋەت؛
- مۇتەجەللا/مۇتەجەللى — روشەن ، پارلاق ، جۇلالىق؛
- مۇتەخالىف — بىر - بىرىگە زىت ، بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى ، بىر - بىرىنىڭ ئەكسىچە؛
- مۇتەخەسسىس
- مۇتەخەسىس — بىرەر كەسىپتە، ياكى ئىلىمدە مەخسۇسلاشقان؛
- مۇتەخەللىق — بىرەر خۇيغا ئۆگىنىپ قالغان ، ئادەتلەنگەن ، بىرەر خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان؛ئەخلاقلىق ، كىشىگە مۇلايىم مۇئامىلە قىلىدىغ
- مۇتەخەييىل — خىيالغا چۆمگەن ، چوڭقۇر ئويلانغۇچى ، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلغۇچى ، تەسەۋۋۇر قۇۋۋەتى كۈچلۈك ئادەم]؛
- مۇتەخەييىلە — تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى؛
- مۇتەدارىي — يېپىلغان ، بېكەتىلگەن؛
- مۇتەداۋىل — ئىستېمالدىكى نەرسە ، دائىم قوللىنىلىدىغان نەرسە ؛ ئومۇملاشقان ، كەڭ تارقالغان ؛قوللىنىش ، ئىشلىتىش؛
- مۇتەداۋىلات — ؛«مۇتەداۋىل»نىڭ كۆپلۈكى : ئىستېمالدىكى نەرسەلەر ، ئىشلىتىلىۋاتقان نەرسەلەر ،قوللىنىلىۋاتقان نەرسەلەر؛
- مۇتەدەييىن — دىندار ، ئىخلاسمەن ، تەقۋادار؛
- مۇتەرەددىد — بىقارار ، تۇراقسىز ، بىر پىكىردە چىڭ تۇرالمايدىغان ؛ ئىككىلەنگۈچى ، ئارىسالدا قالغان ،دىلىغۇل بولغان؛
- مۇتەرەككىب — بىرقانچە نەرسەلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان ، تەركىب تاپقان ، شەكىللەنگەن؛
- مۇتەرەننىم — ناخشا ئېيتقۇچى ، كۈيلىگۈچى ، يېقىملىق ئاھاڭ بىلەن غەزەل ئوقۇغۇچى؛