لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇتاف — ئەتراپنى ئايلىنىپ زىيارەت قىلىدىغان تاۋاپ ئورنى ؛ سەيلە قىلىنىدىغان يەر؛
- مۇتالەبە — قەرزنى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش ، قەرزنى سۈيلەش ؛ تەلەپ قىلىش؛قەرز ئالغان پۇل؛
- مۇتالىئ — ئوقۇغۇچى ، كىتابخان ، مۇتالىئە قىلغۇچى ، تەتقىق قىلغۇچى ؛
- مۇتالىئە — دىققەت بىلەن ئوقۇش ، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش ، ئوقۇپ چۈشىنىش ،تەتقىق قىلىش؛ پىكىر يۈرگۈزمەك،بىر ئىشنى ئىنچكىلەپ بىلىۋالماق؛
- مۇتاۋاتىرەن — ئۈزلۈكسىز تۈردە ، توختاۋسىز ھالدا ، توختىماي؛
- مۇتايەبە — ھەزىل ، چاقچاق ، چاقچاقلىشىش؛
- مۇتەئاقىب — ئىز بېسىپ بارغۇچى ، قوغلىمىغۇچى ، ئارقىمۇئارقا كەلگەن ، بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ كەلگەن ؛ ئارقىمۇئارقا ، ئۈزۈلمەستىن ؛ كەينى
- مۇتەئاقىد — ئەھدىلەشكەن ، كېلىشىم ھاسىل قىلغان ، تىل بىرىكتۈرگەن؛
- مۇتەئال(مۇتەئالى)؛ — يۈكسەك ، ئالىي ، ئېگىز ، يۇقارى ، مەرتىۋەدە تەڭدىشى يوق؛
- مۇتەئەببىد — ئىبادەت قىلغۇچى ، دىندار ، خۇداگۇي؛
- مۇتەئەبيىن — تايىنلىق ، بەلگەلەنگەن ، تەيىنلەنگەن ؛ ئېنىق ، ئوچۇق ، روشەن؛
- مۇتەئەججىب — تەئەججۈپلەنگۈچى ، ئەجەبلەنگۈچى ، ھەيران بولغۇچى؛
- مۇتەئەخخىر — كېيىنكى ، ئارقىدا قالغان ، كېيىن قالغان؛
- مۇتەئەددى — چەكتىن ئاشقۇچى ، چېگرادىن ئۆتكۈچى ، تاجاۋۇزچى ؛ ئۆتۈملۈك(پېئىل) ؛
- مۇتەئەددىب — تەربىيە كۆرگەن ، تەربىيەلەنگەن ، ئەدەپلىك؛
- مۇتەئەددىد — بىرقانچە ، بىرنەچچە ، كۆپ ، نۇرغۇن؛
- مۇتەئەررىز — توقۇنۇشقۇچى ، قارشىلاشقۇچى ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى؛
- مۇتەئەززىر — ؛(1) قىيىن ، مۈشكۈل ، تەس؛ (2) ئۆزرىلىك ، ئۆزرە ئېيتقۇچى ، ئۆزرە بايان قىلغۇچى؛
- مۇتەئەسسىپ — ھەسرەت چەككۈچى؛ كونىلىق تەرەپدارى؛كونىلىقنى ياقلىغۇچى؛ كونا ئەقىدە ۋم كونا نەرسەلەرگە يېپىشۋالغۇچى؛ كالتە پىكىرلىك؛
- مۇتەئەسسىر — ؛(1) تەسىرلەنگۈچى ، ھاياجانلانغۇچى ، تەسىرلەنگەن؛ [مۇتەئەسسىر بولماق ---تەسىرلەنمەك]؛ (2) قىيىن ، مۈشكۈل ، تەس ، مۇرەككە
- مۇتەئەففۇن — بۇلغانغان ، چىرىگەن ، سېسىغان؛
- مۇتەئەللىق — تەئەللۇق ، تېگىشلىك ؛ ئالاقىدار ، مۇناسىۋەتلىك؛
- مۇتەئەللىقات — تەئەللۇق نەرسەلەر ، تېگىشلىك نەرسەلەر ، ئالاقىدار كىشىلەر ؛ قارىنداشلار؛
- مۇتەئەللىم — ؛(1) بىلىم ئۆگەنگۈچى ، ئىلىم ئالغۇچى ، ئوقۇغۇچى ، شاگىرت؛ (2) ئازابلانغۇچى ، قىينالغۇچى ؛ ئەلەملىك ، قايغۇلۇق؛