لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇبەييەن — بايان قىلىنغان ، ئىزاھلانغان ، چۈشەندۈرۈلگەن ، ئىسپاتلانغان ،ئىزھار قىلىنغان؛
- مۇبەييىن — بايان قىلغۇچى ، ئوچۇق ئاڭلاتقۇچى ، روشەنلەشتۈرگۈچى؛
- مۇبتەدى — باشلامچى ، بىر ئىشقا يېڭىدىن كىرىشكەن ، تەجرىبەسىز ؛ دەسلەپى؛
- مۇبتەدى تەبئ — كۆچمە مەناسى: ئەدەبىيات مەيدانىغا يېڭىدىن كىرگەن ئادەم ؛
- مۇبتەدىئ — يېڭىلىق ياراتقۇچى ، ئىسلاھاتچى ، دىندا يېڭىچە يول تۇتقۇچى ، بىدئەتچى؛
- مۇبتەزەل — خار ، پېقىر ، چاكىنا؛ ئاددىي ، ئادەتتىكى ، تۆۋەن؛
- مۇبتەلا — دۇچار بولغان ، گىرىپتار بولغان ، يولۇققان ، ئۇچرىغان ؛ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ؛ ئىلىنغان، تۇتۇلغان ؛ مەپتۇن بولغان ، مەھل
- مۇبتەلاۋار — بالاغا يولۇققاندەك ، بالاغا دۇچار بولغانلارغا ئوخشاش؛
- مۇبتەھىج — خۇشال ، شادىمان ، خۇشال - خۇرام ؛ ھاياجانلانغان؛
- مۇبدىئ — ئىختىراچى كەشپىياتچى ، يېڭىلىق ياراتقۇچى؛
- مۇبدىئى كارساز — ئىش بىلەرمەن ، ياراتقۇچى؛
- مۇبدىم — مەجبۇرلىغۇچى ، زورلىغۇچى ، قىستىغۇچى؛ [مۇبدىم شىۋە --- زورلاشقا ئادەتلەنگەن]؛
- مۇبكى — يىغلاتقۇچى ، كىشىنى ئازابلىغۇچى ، ھەسرەتلەندۈرگۈچى؛
- مۇبھەم — بەلگەسىز؛ نامەلۇم؛
- مۇبىن — ئوچۇق ، روشەن ، قىلچە شەك كەلتۈرگىلى بولمايمىغان ؛ ئاشكارا ، ئېنىق؛
- مۇپاسسىل — بوغۇملار؛
- مۇپەتتىش — بىرەر ئىشنىڭ ئۆز يولىدا كېتىۋاتقان ياكى كەتمەيۋاتقانلىقىنى تەتقىق قىلىپ تەكشۈرۈپ تۇرغۇچى؛
- مۇپەسسەل — تەپسىلى؛ كەڭ؛ ئۇزۇن؛ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا؛ئەتراپلىق؛
- مۇپتى — يەرلىك قازىلارنىڭ خىزمەتىنى نازارەت قىلغۇچى؛ شەرىئەتكە ئاساسەن پەتىۋا (ھۆكۈم) چىقارغۇچى؛ مەسىلىلەرگە يول تېپىپ بەرگۈچى؛
- مۇپتىلا — دۇچار بولماق؛ گىرىپتار بولماق؛
- مۇتابەئەت — بىراۋنىڭ كەينىدىن ئەگىشىش ، ئىزىدىن مېڭىش ؛ ئەگەشكۈچىلىك ، ساداقەتمەنلىك ،مۇرىتلىق ؛ بىراۋنى ھىمايە قىلىش ؛ تەۋەلىك ، ئى
- مۇتابەقەت — مۇۋاپىقلىق ، مۇناسىپلىق ؛ ئوخشاشلىق ، بىردەكلىك ، ماسلىق؛
- مۇتابىق — مۇۋاپىق ، ئۇيغۇن ، بىر - بىرىگە ماس كېلىدىغان؛
- مۇتارەھە — ئىككى تەرەپ ئۆزئارا سۆزلەشىش ، كېڭىشىش؛