لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇئجىزە پەرداز — مۆجىزىلىك ، مۆجىزە كۆرسىتىدىغان ، چوڭقۇر مەنالىق؛ (ق. مۇئجىزە ئەنگىز)؛
- مۇئجىزەنەماي — مۆجىزىلىك ، مۆجىزە كۆرسىتىدىغان ، چوڭقۇر مەنالىق؛ (ق. مۇئجىزە ئەنگىز)؛
- مۇئلىم — ئاغرىتىدىغان ، ئاغرىتقۇچى ، ئەلەم قىلغۇچى؛
- مۇئمىن — مۆمىن ، مۇسۇلمان ، ئىمانلىق ؛ ئىخلاسمەن ، سادىق ؛ تەقۋادار؛
- مۇئمىنۇن — ؛«مۇئمىن»نىڭ كۆپلۈكى : مۆمىنلەر ، مۇسۇلمانلار؛ساداقەتمەنلەر ، تەقۋادارلار؛
- مۇئىزز — ئىززەت قىلغۇچى ، ھۆرمەت قىلغۇچى ، ئىززەتلىگۈچى؛
- مۇئيىن — ئىئانە قىلغۇچى ، ياردەم قىلغۇچى ، مەدەت بەرگۈچى ، ياردەمچى ،قولداش؛
- مۇبادەلە — ئىككى نەرسەنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ، تېگىشىش ؛ ئالماشتۇرۇش؛
- مۇبارەزە — يەكمۇيەك ئېلىشىش ، يەكمۇيەك تۇتۇشۇش ، دوئېل ، كۈرەش؛
- مۇبارەك — قۇتلۇق؛ ھۆرمەتكە سازاۋەر؛
- مۇبارەكباد — تەبرىكلەش ، مۇبارەكلەش؛
- مۇبارىز — يەكمۇيەك ئېلىشقۇچى ، دوئېلغا چىققۇچى ، چېلىشچى ، جەڭچى ، كۈرەشچى، پالۋان؛ [مۇبارىز فەئئال --- ئاكتىپ جەڭچى]؛
- مۇبارىزەفكەن — يەكمۇيەك ئېلىشىشتا ، كۈرەشتە يەڭگۈچى؛ جەڭدە غالىب چىققۇچى؛
- مۇبالەغە — مۇبالىغە ، كۆپتۈرۈش ، ئاشۇرۇش ، تەكىتلەش ، زورۇقۇش ؛ دادىغا يەتكۈزۈش؛
- مۇبالىغە — ئەسلى ھالەتىدىن كۆپتۈرۈپ چوڭايتماق ياكى كىچىكلىتىپ كۆرسەتمەك؛
- مۇباھ — دىندا رۇخسەت قىلىنغان ئىش ؛ قىلسىمۇ ، قىلمىسىمۇ بولىدىغان؛
- مۇباھات — ؛(1) «مۇباھ»نىڭ كۆپلۈكى : دىندا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار؛ (2) پەخىرلىنىش ؛ ماختىنىش ، غۇرۇرلىنىش ، لاپ ئۇرۇش؛ [مۇباھات ئەت
- مۇباھي — پەخىرلەنگۈچى ، ماختانغۇچى ، خۇشاللانغۇچى ؛ شۆھرەتلەنگەن ، داڭدار؛
- مۇبايىن — باشقاچە ، غەيرى ، باشقا تۈردىكى ، ئوخشاشمايدىغان ؛ مۇخالىپ ،قارىمۇقارشى ، ئەكسىچە؛
- مۇبەددەل — ئالماشتۇرۇلغان ، ئۆزگەرتىلگەن ، تېگىشىلگەن؛ [مۇبەددەل بولماق --- ئالماشتۇرۇلماق، ئۆزگەرتىلمەك ، تېگىشىلمەك ، ئايلانماق]؛
- مۇبەررا — ئەركىن ، ئازاد ، خالىي ، پاك ؛ ئازاد قىلىنغان ، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن؛
- مۇبەرھەن — ئېنىق ، روشەن ، ئوچۇق ، بەلگەلىك ؛ پاكىتلىق ، ئىسپاتلانغان؛
- مۇبەسسىر — نازارەتچى ، كۆزىتىپ تۇرغۇچى ؛ يىراقنى كۆرەر ، ئالدىن كۆرەر ،كۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك؛
- مۇبەششىر — خۇشخەۋەر تارقالغۇچى ، خۇشخەۋەر يەتكۈزگۈچى ، خۇشخەۋەرچى؛