لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇئەييىد — قوللىغۇچى ، مەدەت بەرگۈچى ، ياردەم قىلغۇچى ، قۇۋۋەتلىگۈچى ،تەكىتلىگۈچى؛
- مۇئتاد — ئادەتلەنگەن ، ئۆگەنگەن ، كۆنگەن؛ [مۇئتاد بولماق --- ئۆگەنمەك ، ئادەتلەنمەك]؛ [مۇئتاد ئەتمەك --- ئۆگەتمەك ، كۆندۈرمەك]؛
- مۇئتەبەر — مۆتىۋەر ، ئېتىبارلىق ، ھۆرمەتلىك؛
- مۇئتەدىل — ئوتتۇراھال، نورمال، مۆتىدىل؛ مۇۋاپىق، مۇناسىپ؛
- مۇئتەرىز — ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ، نارازىلىق بايان قىلغۇچى ، قارشى چىققۇچى؛
- مۇئتەرىف — ئۆزىنىڭ نۇقسان ۋە كەمچىلىكلىرىنى بوينىغا ئالغۇچى ، ئېتىراپ قىلغۇچى ، ئىقرار قىلغۇچى؛
- مۇئتەزىر — ئەپۇ سورىغۇچى ، كەچۈرۈم سورىغۇچى ، ئۆزرىخاھلىق ئېيتقۇچى ،ناماقۇل بولغۇچى؛
- مۇئتەفىكات — خاراب بولغان شەھەرلەر ؛ ئاستى - ئۈستۈن بولغان؛
- مۇئتەقەد — ئىشىنىلگەن ؛ ئېتىقاد قىلىنغان؛
- مۇئتەقىد — ئېتىقاد قىلغۇچى ، ئىشەنگەنگۈچى ، قايىل بولغان ، ئېتىقادلىق ، ئىخلاسمەن؛
- مۇئتەكىف — كىشىلەر توپىدىن چىقىپ كەتكەن ، ئىبادەت ئۈچۈن خىلۋەتكە كەتكەن ، تەركىيدۇنيا بولغان ؛ خىلۋەتتە ئىبادەت بىلەنلا شۇغۇللانغۇچ
- مۇئتەل — كۈتكەن ، كۈتۈپ تۇرغان ، قاراپ قالغان ؛ ھايال بولغان ، كېچىككەن؛توختاپ تۇرغان ، توختىتىلغان؛ [مۇئتەل ئەتمەك --- توختاتماق
- مۇئتەلىفە/مۇئتەلىف — قوشۇلغان ، بىرلەشكەن ، ئۇيغۇنلاشقان ، ماسلاشقان ، ئادەتلەنگەن ؛ بىردەك؛
- مۇئتەمەد — ئىشەنچلىك؛
- مۇئتەمەدد ئەلەيھ — ئىشەنچ قىلىنغان (كىشى ) ، ئىشەنچلىك (كىشى) ؛
- مۇئتەمەدد بىھ — ئىشەنچلىك ، ئىشىنىشكە بولىدىغان؛
- مۇئتەمەن — ئىشەنچلىك ، ئىشەنچ ھاسىل قىلىنغان ، ئىشىنىلگەن؛
- مۇئتەمىن — كۆڭلى ئەمىن تاپقان ، خاتىرجەم بولغان ؛ ئىشەنگۈچى ، چىن پۈتكۈچى؛
- مۇئتىي — ئاتا قىلغۇچى ، بەخش ئەتكۈچى ، بەرگۈچى؛
- مۇئجىب — ئەجەبلەندۈرگۈچى ، ھەيران قالدۇرغۇچى ؛ ئۆزۈمچى ، مەنمەنلىك قىلغۇچى؛
- مۇئجىز — ئاجىزلاشتۇرغۇچى ؛ ھاڭ - تاڭ قالدۇرغۇچى ؛ ئەڭ پاساھەتلىك سۆز؛مۆجىزە ؛ [مۇئجىز بايان، مۇئجىز كەلام --- ئەڭ پاساھەتلىك سۆز
- مۇئجىزات — ؛«مۇئجىزە»نىڭ كۆپلۈكى : مۆجىزىلەر؛
- مۇئجىزە — مۆجىزە ، ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن بولىدىغان ، كىشىنى ھاڭ -تاڭ قالدۇرىدىغان ۋەقە ۋە ھادىسىلەر ؛ كۆچمە مەناسى: ئەڭ پاساھەتلى
- مۇئجىزە ئەنگىز — مۆجىزىلىك ، مۆجىزە كۆرسىتىدىغان ، چوڭقۇر مەنالىق؛(ق. مۇئجىزە ئەنگىز)؛