لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇئەززەز — ئىززەتلىك ، ھۆرمەتلىك ، قىممەتلىك ، ئەزىز؛
- مۇئەززەم — بۈيۈك ، ئۇلۇغ ، كاتتا ، ھۆرمەتلىك؛ [مۇئەززەم بولماق --- ئۇلۇغ بولماق ، كاتتا بولماق]؛
- مۇئەززەمە — بۈيۈك ، ئۇلۇغ ؛ بۈيۈك ئىش ، ئېغىر ئەمما شەرەپلىك ئىش؛
- مۇئەززى — زىيان سالغۇچى ، زەرەر يەتكۈزگۈچى ، زىيانلىق؛
- مۇئەززىن — ئەزان ئېيتقۇچى ، مەزىن؛
- مۇئەسسە — تەشكىلات؛ ئورگان؛ ئىمارەت ئۈچۈن ھۇل قويغۇچى؛
- مۇئەسسەس — قۇرۇلغان ، بىنا قىلىنغان ، تەسىس قىلىنغان ؛ قۇرۇلۇش ،بىنا ؛
- مۇئەسسىر — ئەسىر قىلغۇچى ، تەسىر قىلغۇچى ، تەسىرلىك ، يېقىملىق؛
- مۇئەسفەر — سېرىق ، سېرىق رەڭلىك ، قىزىل؛
- مۇئەسكەر — ئەسكەر تۇرىدىغان جاي ، لەشگەرگاھ ، قارارگاھ؛
- مۇئەككەد — جەزملەشتۈرۈلگەن؛
- مۇئەككەل — مۇئەييەن بىر ئىش تاپشۇرۇلغان ئادەم ، ۋەكىل قىلىنغان كىشى؛
- مۇئەللا — يۈكسەك ، ئېگىز ، يۇقارى ؛ ئەلا؛
- مۇئەللەف — تۈزۈلگەن (كىتاب ، لۇغەت ) ، يېزىلغان (ئەسەر ) ، رەتلەنگەن(ماتېرىيال)؛ [ كۇتۇبى مۇئەللەف --- يېزىپ چىقىلغان كىتابلار ، ما
- مۇئەللەفە — ئەسەر ، كىتاب ، ماقالە؛
- مۇئەللەق — ئېسىلغان ، ئېسىلىپ قالغان ؛ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ قالغان؛ يا ئۇيان،بۇيان بولمىغان؛ ھاۋادا تۇرۇپ قالغان؛ [مۇئەللەق ئەيلەمەك ---
- مۇئەللىپ — ئاپتور؛ كىتاب، ئەسەر، ماقالا يازغۇچى؛
- مۇئەللىف — تۈزگۈچى ، يازغۇچى ، ئاپتور؛
- مۇئەمما — تېپىشماق؛شېئىرى يول يېزىلغان تېپىشماق؛
- مۇئەمما(مۇئەمماي)؛ — تېپىشماق ، سىرلىق سۆز ، مەناسى يوشۇرۇن سۆز ، يوشۇرۇن مەنالىق شېئىر ؛ باش قاتۇرىدىغان مەسىلە؛
- مۇئەنبەر — ئەنبەر سۈركەلگەن ، ئەنبەر ھىدلىق ، خۇشبۇي ؛ كۆچمە مەناسى: خۇشپۇراقلىق قاپقارا نەرسە؛ [مۇئەنبەر زۇلف --- خۇشپۇراقلىق قارا
- مۇئەننەس — ئەرەبچىدىكى ئايال سىغا سۆز ؛ چىشى ، مىدە؛
- مۇئەييەد — قوللاشقا ئېرىشكەن ، مەدەت بېرىلگەن ، تەكىتلەنگەن ، ياردەم ئالغان؛
- مۇئەييەن — تەيىن قىلىنغان ، بەلگەلەنگەن ؛ ئېنىق ، ئوچۇق؛