لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇئامەلات — ؛«مۇئامەلە»نىڭ كۆپلۈكى : مۇئامىلىلەر ، ئالاقىلەر ،بېرىش - كېلىشلەر ، مۇناسىۋەتلەر؛
- مۇئامەلە — ئېلىم - بېرىم ، سودا ، تىجارەت ؛ ئۆزئارا مۇناسىۋەت ، باردى -كەلدى ، ئالاقە؛
- مۇئامەلە پەرداز — مۇئامىلە قىلغۇچى ؛ ئەرز - ھالغا قۇلاق سالغۇچى؛
- مۇئاھىد — ۋەدىلەشكەن ، ئىتتىپاق تۈزگەن ، ئىتتىپاقچى ؛ ۋەدىگە ۋاپا قىلىدىغان؛
- مۇئاۋەزە — ئالماشتۇرۇش ، تېگىشىش ؛ تۆلەش؛ [مۇئاۋەزە قىلماق --- ئالماشتۇرماق ، تېگىشمەك]؛
- مۇئاۋىن — ياردەمچى ، قولداش؛
- مۇئايەنە — كۆزدىن كەچۈرۈش ، دىققەت ئېتىبارىدىن ئۆتكۈزۈش ؛ ئوچۇق كۆرۈش ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ؛ تەكشۈرۈش ، تەھقىقلەش؛
- مۇئەببەد — ئەبەدىي ، دائىمىي ، مەڭگۈلۈك ، ئۆمۈرلۈك؛
- مۇئەببىر — چۈشكە تەبىر ئېيتقۇچى ، چۈشنى يەشكۈچى ؛ تەبىر بەرگۈچى؛
- مۇئەتتەر — خۇشبۇيلۇق ، خۇش ھىدلىق ، خۇشبۇي ، خۇش پۇراق تارقىتىپ تۇرغۇچى؛
- مۇئەتتەل — تاشلانغان ، تەرك ئېتىلگەن ، ئىستېمالدىن قالدۇرۇلغان ؛ ئىشسىز؛ توختاپ تۇرغان ،ساقلاپ تۇرغان ، كېچىكتۈرۈلگەن ، كەينىگە تار
- مۇئەججەل — ؛(1) جىددىي ، ئالدىراش ؛ نەق ، مۆھلەتسىز؛ [مەھرى مۇئەججەل --- نەق بېرىلىدىغان مەھر ھەققى (تويلۇق) ]؛ (2) كېيىنگە قالدۇرۇ
- مۇئەدد — تەييارلانغان ، ھازىرلانغان ؛ تەييار ، تەخ ، نەق؛ [مۇئەدد بولماق --- تەييار بولماق ، ھازىر بولماق]؛
- مۇئەددەب — ئەدەپلىك ، ياخشى تەربىيە كۆرگەن ، ئەخلاقلىق؛ [ ماھى مۇئەددەب --- تەربىيە كۆرگەن دىلبەر ، ئەدەپلىك يار]؛
- مۇئەددەل — تەڭ ، باراۋەر ، ئادىل ، توغرا ؛ تەڭشەلگەن ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان ؛توغرىلانغان ،تۈزىتىلگەن ؛
- مۇئەددىب — ئەدەپ ئۆگەتكۈچى ، تەربىيە قىلغۇچى ، تەربىيەچى؛
- مۇئەددىي — ئادا قىلغۇچى ، ئورۇنلىغۇچى ، جايىغا يەتكۈزگۈچى ، تۆلىگۈچى؛ [مۇئەددىي بولماق ---ئادا قىلماق ، ئەھدىسىدىن چىقماق ، ئورۇنلى
- مۇئەررەب — ئەرەبلىشىپ كەتكەن (ئادەم ) ، ئەرەبلىشىپ كەتكەن (سۆز) ؛
- مۇئەررەخ — يېزىلما تارىخى بولغان ، يىل ، ئاي ، كۈنلىرى ئوچۇق ئىزاھلانغان؛
- مۇئەررەف — تەرىپلەنگەن ، بىلدۈرۈلگەن ، تونۇتۇلغان ؛ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن؛
- مۇئەررىخ — تارىخ يازغۇچى ، تارىخچى ، تارىخشۇناس ، كالېندار تۈزگۈچى؛
- مۇئەررىخۇن/مۇئەررىخىن — ؛«مۇئەررىخ»نىڭ كۆپلۈكى : تارىخشۇناسلار؛
- مۇئەررىف — تەرىپلىگۈچى، بىلدۈرگۈچى، تونۇتقۇچى؛
- مۇئەززەب — ئازابلانغان ، دەرە چەككەن ، ئازاب - ئوقۇبەتكە ئۇچرىغان؛