لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەۋجۇدات — ؛«مەۋجۇد»نىڭ كۆپلۈكى : كائىناتتىكى ھەممە نەرسەلەر ، كائىنات؛
- مەۋجۋەر — دولقۇنلانغۇچى ، مەۋج ئۇرغۇچى ؛ دولقۇنلۇق؛ [بەھرى مەۋجۋەر --- دولقۇنلۇق دېڭىز]؛
- مەۋرۇس — مىراس قالغان نەرسە ، مىراستىن تەگكەن نەرسە ، تېگىشلىك ئۈلۈش ؛ تەۋەررۈك؛
- مەۋرۇسىي — مىراس قالغان؛
- مەۋرىد — ئورۇن ؛ ھالەت ، شارائىت ، پەيت؛
- مەۋزۇئ — تەرتىپكە سېلىنغان ، قارارلاشتۇرۇلغان ، بېكەتىلگەن ، قويۇلغان؛ ئىگە (لوگىكادا )؛ئوييېكت ؛ ئاساسىي مەزمۇن ، تېما ، ماۋزۇ؛
- مەۋزۇئات — ؛«مەۋزۇئ»نىڭ كۆپلۈكى : ق - مەۋزۇئ؛ مەسىلىلەر ، ئەھۋاللار؛
- مەۋزۇن — ئۆلچەنگەن ، ئۆلچەپ پىچىلغان ، مۇناسىپ سىياقلىق ، يارىشىملىق ،خۇش پىچىم ،كېلىشكەن ، چىرايلىق؛ [ ساقىئى مەۋزۇن --- قەددى -
- مەۋزىئ — جاي ، ئورۇن ، يەر ، ماكان ؛ مەيدان؛
- مەۋسۇپى — ماختالغان؛سۈپەتى بار؛ داڭلىق؛
- مەۋسۇف — سۈپەتلەنگەن ، ماختالغان ، تەرىپلەنگەن ، تەسۋىرلەنگەن؛
- مەۋسۇم — ئاتالغان ، نام بېرىلگەن ، بەلگەلەنگەن ؛ نام چىقارغان ، داڭقدار ، مەشمۇر؛ [مەۋسۇم بولماق --- ئات قويۇلماق ، ئاتالماق ، مە
- مەۋفۇر — مول ، پاراۋان ، كۆپ؛
- مەۋقۇف — توختىتىلغان ، توختىتىپ قويۇلغان ، كېچىكتۈرۈلگەن ، باغلاقلىق ،بىر ئىشقا باغلاقلىق بولغان؛ بىكار قىلىنغان؛ [مەۋقۇف بولماق
- مەۋقىئ — ئورۇن ، جاي ، مەيدان ، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي؛
- مەۋقىف — توختاش جايى ، تۇرۇش جايى؛
- مەۋكىب ، مەۋكىبەت — ؛(پادىشاھ قاتارلىق كاتتىلار بىلەن بىللە يۈرگۈچى ) ھەيۋەتلىك مەھرەملەر توپى؛ [ھۇمايۇن مەۋكىب --- پادىشاھلارغا خاس ئەسكەرل
- مەۋكىبى ھۇمايۇن — پادىشاھلارغا خاس ئەسكەرلەر توپى؛
- مەۋلا — خوجا ، ساھىب ، ھامىي ، ئىگە ، ئۇستاز ؛ جاناب ؛ قۇل ، بەندە ،خىزمەتكار؛
- مەۋلانا،مەۋلەۋى — ؛«ئىگە ، ساھىب ، خوجا» مەناسىدە بولۇپ ، ئالىملار ياكى سوپىلار نامىنىڭ ئالدىغا قوشۇپ ئېيتىلىدىغان سۈپەت ، ئۇنۋان؛
- مەۋلۇد(مەۋلۇت)؛ — تۇغۇلغان جاي، ئورۇن ۋە ۋاقىت،مۇھەممەت پەيغەمبەر تۇغۇلغان كېچە (بۈگۈن قەمەرىيە ئايلىرىدىن رەببىل ئەۋۋەلنىڭ12-كۈنىگە توغرا
- مەۋلىد — تۇغۇلغان جاي ، ئانا يۇرت ؛ تۇغۇلغان ۋاقىت ؛ تۇغۇلۇش ، دۇنياغا كۆز ئېچىش؛
- مەۋلىۋى — مەۋجۇدىيەتكە كۆڭۈلسىز بولۇپ، دىلى ئىبادەتكە باغلانغان زاھىد كىشى (مەۋلانا جالالىدىن روھىغا مۇناسىۋەتلىك تەرىقەت ۋە ئۇنىڭ
- مەۋھۇم — خىيالدا گەۋدىلەنگەن ، خىيالىي ، تەسەۋۋۇردىكى؛