لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەۋھىبەت(مەۋھىبە)؛ — ئىنئام ، ئېھسان ، تۆھپە ، بەخشىش ، چاي پۇلى؛
- مەۋۋاج — قاتتىق دولقۇنلانغۇچى ، شىددەتلىك مەۋج ئۇرغۇچى؛ [بەھرى مەۋۋاج --- شىددەتلىك دولقۇنلۇق دېڭىز]؛
- مەۋىز — قۇرۇق ئۈزۈم؛
- مەي — مەي ، ئىچىملىك ، شاراب؛ [مەي ئالا، مەي ئالۇد --- مەي يۇققان ، مەي ئارىلاش]؛ [مەي بەتتى --- ئۆردەك شەكلىدەكى مەي قاچاسى]؛
- مەي ئاشام — مەيخور ، شارابخور؛
- مەي فۇرۇش — مەي ساتقۇچى ، مەيپۇرۇش؛
- مەي گون — مەي رەڭ؛ قىزىل رەڭ؛ گۈلرەڭ؛
- مەيامىن — ؛«مەيمۇنەت»نىڭ كۆپلۈكى : بەختىيارلىقلار ، سائادەتلەر ، ياخشىلىقلار؛
- مەيپالا — مەي سۈزگۈچ ؛
- مەيپەرەست — ئىچىملىككە بېرىلگەن ، شارابخور؛
- مەيت،مەييىت — ئۆلۈك ، ئۆلگەن ئادەمنىڭ گەۋدىسى ، جەسەت؛(مېيىت)؛
- مەيخارە — مەيخور ، ئىچىملىككە ئادەتلەنگەن؛
- مەيخارەلىغ — مەيخورلۇق؛
- مەيخۇش — ئاچقىل تەم ، ئاچچىق - چۈچۈك؛
- مەيداننەۋەرد — مەيداندا ئايلانغۇچى ، ئوتتۇرىدا ئايلانغۇچى ، مەيدانغا چىققۇچى؛
- مەيرۇق — ئەگرى - بۈگرى ، مايماق - سايماق؛
- مەيزاپ — ئۈزۈمدىن تەييارلانغان ئىچىملىك؛
- مەيسەرە — سول ، سول تەرەپ ، سول قانات؛
- مەيسۇر — ئوڭاي ، ئاسان ، قۇلاي ، يەڭگىل ؛ مۇۋەپپەقىيەتلىك؛
- مەيكەدە — مەيخانا ، شارابخانا؛
- مەيگۇن — مەي رەڭلىك ، قىزىل رەڭلىك؛
- مەيل — بىر تەرەپكە ئېگىلىش ، قىڭغىيىش ؛ خاھىش ، يۈزلىنىش ، قىزىقىش ،ھەۋەس ، مەيل ،ئامراقلىق؛ [مەيل قىلماق --- مايىل بولماق ، ئى
- مەيمەنە — ئوڭ ، ئوڭ تەرەپ ، ئوڭ قانات؛
- مەيمۇن — ؛(1) بەختىيار، بەختلىك، قۇتلۇق، مۇبارەك؛ (2) مايمۇن؛