لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەھى فەرد — يېگانە ئاي ؛ كۆچمە مەناسى: يېگانە دىلبەر؛
- مەھى ناكاستە — تولۇق تولغان ئاي ، كېمى يوق ، تولۇن ئاي؛
- مەھىد — بۆشۈك؛
- مەھىد ئوئيا — پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنلىرىغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان؛
- مەۋئۇد — ۋەدە قىلىنغان ، سۆز بېرىلگەن ، ۋەدە؛
- مەۋئىد — ۋەدە ، ۋەدە ئورنى ، ۋەدە ۋاقتى؛
- مەۋئىزە،مەۋئىزەت — ئۆگۈت، نەسىھەت، ۋىز - نەسىھەت ، نەسىھەت؛
- مەۋائىد — ؛(1) «مەۋئىد»نىڭ كۆپلۈكى: ۋەدىلەر، ۋەدە قىلىنغان نەرسەلەر؛ (2)«مىيئاد»نىڭ كۆپلۈكى : مۇددەتلەر ، بەلگەلەنگەن ۋاقىتلار؛
- مەۋائىز — ؛«مەۋئىزە»نىڭ كۆپلۈكى : ئۆگۈت - نەسىھەتلەر؛
- مەۋاجىب — بەلگەلەنگەن مائاش ، ئىش ھەققى؛
- مەۋادد — ؛«ماددە»نىڭ كۆپلۈكى : ماددالار ، ماددىي نەرسەلەر؛
- مەۋارىد — ؛«مەۋرىد»نىڭ كۆپلۈكى : ئورۇنلار ، ھالەتلەر ، شارائىتلار؛ پەيتلەر ، چاغلار ؛
- مەۋارىس — ؛«مىراس»نىڭ كۆپلۈكى : مىراسلار ، ئۆلگەن ئادەمدىن قالغان ماللار؛
- مەۋازىئ — ؛«مەۋزىئ»نىڭ كۆپلۈكى : ئورۇنلار ، ماكانلار ، مەيدانلار ،جايلار ؛
- مەۋاقىئ — ؛«مەۋقىئ» نىڭ كۆپلۈكى : ئورۇنلار ، جايلار ؛ ۋاقىتلار ، پەيتلەر؛
- مەۋاكىب — ؛«مەۋكىب»نىڭ كۆپلۈكى : پادىشاھ قاتارلىق كاتتىلار بىلەن بىللە يۈرگۈچى ھەيۋەتلىك مەھرەملەر؛
- مەۋالى — «مەۋلا»نىڭ كۆپلۈكى : خوجايىنلار ، ئىگىلەر ، خوجىلار ، جانابلار ؛ بەندىلەر ، قۇللار ،خىزمەتكارلار ؛
- مەۋالىد — ؛«مەۋلىد»نىڭ كۆپلۈكى : تۇغۇلغان جايلار ، تۇغۇلغان پەيتلەر؛
- مەۋانىئ — ؛«مانىئ»نىڭ كۆپلۈكى : توساقلار ، توسالغۇلار ، كاشىلىلار؛ مەنئى قىلغۇچىلار ، توسقۇچىلار؛
- مەۋاھىب — ؛«مەۋھىبە»نىڭ كۆپلۈكى : تارتۇقلار ، ئىنئاملار ، تۆھپىلەر؛
- مەۋەددەت — دوستلۇق ؛ ئىناقلىق ، سەمىمىيەت؛
- مەۋت — ئۆلۈم ، ۋاپات بولۇش؛ [مەۋت ئولماق --- ئۆلۈپ كەتمەك]؛
- مەۋج — دولقۇن؛ [مەۋج تاپماق --- دولقۇنلىماق ، كۆتۈرۈلمەك]؛
- مەۋجۇت — Available(سۈپەت)--بىر نەرسەگە ئېرىشىش، ئىشلىتىش ياكى ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولغان، ھازىر بولغان ياكى قولۇمدا بار بولغان ھال