لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەھكۇم — ھۆكۈم قىلىنغۇچى ؛ تەۋە كىشى ؛ ھۆكۈم قىلىنغان ، ھۆكۈم ئاستىغا ئېلىنغان؛ [مەھكۇم بولماق --- ھۆكۈم ئاستىغا ئېلىنماق ؛ تەۋە
- مەھكۇمى فەرمان — پەرمانغا بويسۇنغان؛
- مەھل — مۆھلەت ، پۇرسەت ؛
- مەھلەكە — خەۋپ - خەتەر ئورنى ؛ خەتەرگە يولۇققان پەيت ؛
- مەھلۇل — يېشىلگەن ؛ ئېرىتىلگەن ، سويۇقلاندۇرۇلغان؛ [مەھلۇل ئەتمەك --- ئېرىتمەك]؛ [زەرى مەھلۇل --- ئېرىتىلگەن ئالتۇن ، ئالتۇن ھەل]
- مەھلىقا — ق . ماھلىقا؛ ئاي بىلەن ئۇچراشقان ، پەرىزات؛
- مەھمائەمكەن — مۇمكىن قەدەر ، ئىمكانقەدەر؛
- مەھمۇت — مەدھىيىلەنگەن؛مەدھىيىگە لايىق؛ياخشى كۆرۈلگۈچى؛
- مەھمۇد — ماختالغان ، مەدھىيەلەنگەن؛ [مەھمۇد ئەتمەك --- ماختىماق ،داڭلىماق]؛
- مەھمۇل — ئارتىلغان ، يۈكلەنگەن ، ھېسابلانغان ، ...... دەپ ھېسابلانغان ، .......دەپ چۈشەندۈرۈلگەن؛ [مەھمۇل قىلماق --- ھېسابلىماق؛
- مەھمىز — دېۋىتقۇچ (ئاتنى دېۋىتىپ ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ، ئاتلىق ئەسكەرلەر ئۆتۈكىگە بېكەتىلگەن ھالقا)؛
- مەھمىل — تۆگەنىڭ ياكى باشقا ئۇلاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلىپ ، ئىچىدە ئادەم ئولتۇرىدىغان ئۈستى يېپىق كاجۇۋا ؛ كاجۇۋادىكى يۈك؛
- مەھمىلكۇشاي — تېڭىلغان يۈكنى يېشىپ قويغۇچى؛
- مەھو — يوق بولۇپ كېتىش؛ تۈگەش؛ ئۆچۈرۈش؛ يوقاتىش؛
- مەھۋ — يوقۇلۇش، ئۆچۈش، گۇمران بۇلۇش، چۆچۈپ ھوشىدىن كېتىش، ھەيرانلىقتا ئۆزىنى يوقاتىش؛ [مەھۋ ئەيلەمەك، مەھۋ قىلماق --- يوقاتماق
- مەھۋەش — ئايدەك ، ئايغا ئوخشىغان ، ئايدەك گۈزەل ، ئايجامال؛
- مەھۋى كۇللىي — پۈتۈنلەي يوقۇلۇش ، تامامەن ئۆچۈپ كېتىش ، پۈتۈنلەي ئۆزىدىن كېتىش؛ [مەھۋى كۇللىي ئولماق --- تامامەن يوقالماق ، پۈتۈنلەي مو
- مەھۋىشان — ئاي يۈزلۈك؛
- مەھى ئەنۋەر — ئەڭ نۇرلۇق ئاي؛
- مەھى ئۇلۋى خىرام — ئەڭ ئېگىزدە كەزگۈچى ئاي ؛ كۆچمە مەناسى: سۆيۈملۈك بار؛
- مەھى خاۋەرىي — شەرق ساھىبجامالى ؛ شەرقلىق گۈزەل؛
- مەھى خىرگاھىي — قوتانلانغان ئاي؛ كۆچمە مەناسى: پەردە ئىچىدەكى دىلبەر؛
- مەھى خىرگەھنىشىن — چېدىر ئىچىدەكى گۈزەل ، پەردە ئىچىدەكى گۈزەل؛
- مەھى دۇھەفتە — ئون تۆت كۈنلۈك ئاي ، تولۇن ئاي؛