لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەھزەر — ھازىر بولۇش ؛ قاتنىشىش ؛ نەق مەيدان ؛ نەق مەيداندا بولۇش؛ ئىسپات سۆزى؛
- مەھزۇر — ؛(1) ھەزەر قىلىشقا تېگىشلىك ، ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك ؛ قورقۇنچلۇق ؛ قورقۇنچ ، خەتەر؛ (2) چەكلەنگەن ، مەنئى قىلىنغان ؛
- مەھزۇرات — ؛«مەھزۇر»نىڭ كۆپلۈكى : چەكلەنگەن ، مەنئى قىلىنغان نەرسەلەر؛ چەكلەر، توسالغۇلار، توساقلار؛ خەۋپ-خەتەرلەر؛
- مەھزۇرە — ھەزەر قىلىشقا تېگىشلىك نەرسە ، ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىش ،قورقۇنچ ، خەۋپ - خەتەر؛
- مەھزۇز — لەززەتلەنگەن ، بەھرىلەنگەن ، بەھرىمەن ؛ شادلانغان ، زوقلانغان ،خۇشال؛
- مەھزۇف — چىقىرىپ تاشلانغان ، ئۆچۈرۈلگەن ؛ قىسقارتىلغان ؛ بىكار قىلىنغان؛
- مەھزۇن — غەمكىن ، خاپا ، پەرىشان؛ [مەھزۇن بولماق --- غەمگە پاتماق ، قايغۇرماق ، پەرىشان بولماق]؛ [مەھزۇر تۇتماق --- غەمگە مۇپتىلا
- مەھزۇنلۇغ — غەمكىنلىك ، خاپىلىق؛
- مەھسۇب — ھېساپلانغان؛ گۇمان قىلىنغان؛ تەخمىن قىلىنغان؛
- مەھسۇر — چېگرالانغان ، چەكلەنگەن ، قورشىۋېلىنغان؛
- مەھسۇس — ھېس قىلىنغان ، سېزىلگەن ؛ ئاشكارا ، كۆرۈنۈپ تۇرغان؛
- مەھسۇسات — ؛«مەھسۇس»نىڭ كۆپلۈكى : كۆرۈنۈپ تۇرغان نەرسەلەر ، ئاشكارا نەرسەلەر؛
- مەھسۇل — ھاسىل بولغان ، نەتىجە ، مېۋە ، ھوسۇل ، ئۈنۈم؛
- مەھسۇل(مەھسۇلات)؛ — ۋۇجۇتقا كەلگەن؛ بارلىققا كەلگەن؛ ئىشلەپ چىقىرىلغان نەرسەلەر؛
- مەھسۇلات — ؛«مەھسۇل»نىڭ كۆپلۈكى : ھوسۇللار ، ئۈنۈملەر ،نەتىجەلەر؛
- مەھسۇلدار — مۇنبەت ، كۆپ مەھسۇلاتلىق ، ئۈنۈملۈك؛
- مەھشەر — بۈيۈك يىغىلىش مەيدانى؛ دىنىي چۈشەنچە بويىچە ، قىيامەتتە كىشىلەر توپلىنىدىغان جاي ؛ قىيامەت ؛ ئالا - توپىلاڭ؛
- مەھشەرگاھ — قىيامەت كۈنى توپلىنىدىغان يەر؛
- مەھفوف — ئورۇۋېلىنغان ، چىرمالغان؛
- مەھفۇز — مۇھاپىزەت قىلىنغان ، ساقلانغان ، بېكەتىلگەن ؛ خاتىرىگە ئېلىنغان ،يادلانغان؛ [مەھفۇز ئەيلەمەك --- ساقلىماق ؛ بېكىتمەك ؛ ي
- مەھفۇزە — ياد ئالغان؛ ئەستە ساقلىغان؛
- مەھفىل — جاي ، مەنزىل ، يىغىلىش ، يىغىن ، يىغىلىش جايى ، سورۇن ؛ كۆچمە مەناسى:ئولتۇرۇش، بەزمە؛
- مەھفىل ئارا — ئولتۇرۇشنى قىزىتقۇچى ، بەزمە زىننىتى؛
- مەھكەمە — سوت ، ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى؛