لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەھبۇس — تۈرمىگە ئېلىنغان ، زىندانغا تاشلانغان ، قامالغان ، تۇتقۇن ؛
- مەھبىت — يۇقارىدىن چۈشۈرۈلىدىغان جاي ، قونىدىغان ئورۇن؛
- مەھبىتى ئەنۋارى كۇل — ئۇلۇغ نۇرلار چۈشىدىغان جاي ، نۇرلار ماكانى؛
- مەھتاب — ئايدىڭ؛
- مەھجەبىن — ئاي پېشانە ؛ كۆچمە مەناسى: سۆيۈملۈك يار ، گۈزەل ، ساھىبجامال؛
- مەھجۇب — پەردىلەنگەن ، چۈمبەل تارتىلغان ، ئورالغان ؛ بېكىنگەن ؛ ئۇيالغان؛ ئۇياتچان؛
- مەھجۇر — ئايرىلىپ قالغان ، ھىجراندا قالغان ، ئايرىلىپ كەتكەن ، ئۇزاقلاشقان؛ [مەھجۇر بولماق --- ئايرىلماق ، چەتتە قالماق]؛ [مەھجۇر
- مەھجۇرلىغ — ئايرىلغانلىق ، جۇدالىق ، ھىجران ؛ مەھرۇملۇق؛
- مەھجۇز — جۇدا بولغان؛ ئايرىلغان؛ يىراقلاشقان؛
- مەھچە — ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىپ ، تۇغ - ئەلەم ئۇچىغا ئورنىتىلغان يېڭى ئاي شەكلى؛
- مەھچەئى تۇغ ، مەھچەئى ئەلەم — بايراق ئۇچىدىكى يېڭى ئاي شەكلى؛
- مەھد — بۆشۈك ؛ سۈكەن ، كاجۇ؛ [مىنەل مەھد ئىلەللەھەد --- بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە]؛
- مەھدۇد — چېگرالانغان ، ئەتراپى ئورالغان ؛ چەكلىك؛ [مەھدۇد قىلماق --- چېگرالىماق ، ئەتراپنى ئورىماق]؛
- مەھدى ئۇليا — پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنىغا بېرىلگەن ئۇنۋان؛
- مەھدىي — ئىسلام دىنىدىكى ئون ئىككى ئىمامنىڭ ئاخىرقىسى بولۇپ ، قىيامەت يېقىنلاشقاندا تىرىلىپ «دەججال»غا قارشى كۈرەش قىلىدۇ ، دەپ ر
- مەھر — تويلۇق پۇل ، تويلق؛
- مەھرەم — خاس خىزمەتكار ، سىرداش دوست ؛ يېقىن تۇغقان؛
- مەھرەمۋەش — يېقىن تۇغقاندەك ، يېقىن قارىنداشتەك؛
- مەھرو — ئاي يۈز ، ئايجامال؛
- مەھرۇر — ھارارەتلىك ، قىزىغان ، قىزىتمىسى بار؛ [مەھرۇر بولماق --- قىزىماق ؛ كۆيمەك]؛ [مەھرۇر ئەتمەك --- قىزىتماق]؛ [مەھرۇر مىزاج
- مەھرۇق — يانغان ، كۆيگەن؛ [مەھرۇق ئەتمەك --- ياندۇرماق ، كۆيدۈرمەك]؛
- مەھرۇم — ئىستىگەن نەرسەگە ئېرىشەلمەسلىك؛قولى ئوچۇق قالماق؛يوقاتماق؛
- مەھرۇمىييەت — مەھرۇملۇق؛
- مەھز — پاك ، ساپ ، تازا ، خالىس ؛ پەقەت ، پەقەتلا ، يالغۇزلا ؛ [ لۇتفى مەھز --- خالىس مەرھەمەت]؛