لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەنقۇلات — كۆچۈرۈشكە بولىدىغان نەرسەلەر ، كۆچمە مۈلۈكلەر ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ تارقىلىپ كەلگەن رىۋايەتلەر؛ [مەنقۇلاتى بەيت ---
- مەنكۇب — ئاپەتكە ئۇچرىغان ، ئازابتا قالغان ، بەختسىز ؛ قىيىنچىلىقلارغا يولۇققان ، ھالى خاراپ ،مەغلۇپ بولغان؛ [مەنكۇب ئەيلەمەك ---
- مەنكۇھە — نىكاھ بىلەن رەسمىيلەشكەن خوتۇن ، نىكاھلىق ئايال ، قانۇنىي خوتۇن ، خوتۇن؛
- مەنھەج — ق . مىنھاج ؛
- مەنھۇس — نەس باسقان ، ئىشى ئالغا باسمىغان ، ئىشى ئەپلەشمىگەن ، روناق تاپمىغان؛
- مەنى — مەنى سۇيۇقلۇقى ، شەھۋەت؛ [مەنى دان --- تاشاق]؛
- مەنىئ — ئېلىنىشى قىيىن ، ئېرىشكىلى بولمايدىغان ؛ مۇستەھكەم (قەلئە ) ؛
- مەھ — ق . ماھ؛ [مەھ تابەماھىي --- ئايدىن بېلىققىچە (يەردىن ئاسمانغىچە) ]؛ [مەھتاماھ --- ئايدىن ئايغا]؛
- مەھابەت — ھەيۋەت ، سۆلەت ، ئادەم تەپ تارتىدىغان قىياپەت ؛ قورقۇنچ ، مۇدھىشلىك ،دەھشەتلىك كۆرۈنۈش؛
- مەھار — تىزگىن ، چۇلۋۇر ؛ تۆگەنىڭ چۈلۈكى؛
- مەھارىب — ؛«مىھراب»نىڭ كۆپلۈكى : مېھرابلار؛
- مەھاسىن — ؛«ھۆسن»نىڭ كۆپلۈكى : ھۆسنلەر ، جاماللار ، گۈزەللىكلەر ،ئارتۇقچىلىقلار ؛ ساقال ۋە بۇرۇت؛ [مەھاسىن تىشلەمەك --- خىيالغا پا
- مەھافىل — ؛«مەھفىل»نىڭ كۆپلۈكى : جەمئىيەتلەر ؛ جايلار ، مەنزىللەر؛ يىغىلىشلار ، توپلانىشلار ،ئولتۇرۇشلار؛
- مەھالىك — ؛«مەھلەكە»نىڭ كۆپلۈكى : تەھلىكىلىك جايلار ، قورقۇنچلۇق نەرسەلەر؛
- مەھەببەت — دوستلۇق ، ئامراقلىق ، ياخشى كۆرۈش ، مۇھەببەت؛
- مەھەففە — تەختىراۋان؛ ئۇلاققا يۈكلىنىدىغان مەپە؛
- مەھەل — ماكان ، جاي ، تۇرۇشلۇق ئورۇن ، ئۆي ، بوشلۇق ، بىكار جاي ؛ ۋاقىت ، زامان ، پەيت ،پۇرسەت؛
- مەھەللات — ؛«مەھەللە»نىڭ كۆپلۈكى : مەھەللىلەر؛
- مەھەييار — ئورۇنلاش ؛ بېجىرىش؛
- مەھبەس — قاماقخانا ، زىندان ، تۈرمە ، ھەبسىخانا؛
- مەھبۇب — سۆيۈملۈك ، قەدىرلىك ، قەدىردان ، سۆيۈلگەن ، دوست تۇتۇلغان شەخس ، دوست ، يار؛
- مەھبۇبە — مەشۇقە ، سۆيۈملۈك ئايال؛
- مەھبۇبلۇق — قەدىردانلىق ، ئەزىزلىك ؛ دوستلۇق؛
- مەھبۇبۇل قولۇب — كۆڭۈللەرنىڭ سۆيگىنى ؛ نەۋايىنىڭ شۇ ناملىق ئەسىرى؛