لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەككار — ھىيلىگەر ، مىكىر قىلغۇچى ، ئالدامچى؛ [فەلەكى مەككار --- ئالدامچى پەلەك]؛
- مەككىي — مەككە شەھەرىگە مەنسۇپ ، مەككىنىڭ ، مەككىللىك ؛ [مەككىي لەقەب --- (كۆچمە مەناسى) مۇھەممەد پەيغەمبەر]؛
- مەكمەن — خىلۋەت جاي ؛ توساق ، توزاق؛
- مەكنەت — كۈچ ، قۇۋۋەت ، ئىقتىدار ، قابىلىيەت؛
- مەكنۇن — يوشۇرۇن ، مەخپىي ، يوشۇرۇلغان ، بېكەتىلگەن ؛ ياخشى ساقلانغان ،ئوبدان مۇھاپىزەت قىلىنغان؛ [دۇررى مەكنۇن --- ياخشى ساقلانغ
- مەكىن — جايلاشقان ، ئورۇنلاشقان ، ماكانلاشقان ؛ تۇرغۇن؛ [مەكىن مەكان --- بىر جايغا ماكانلاشقان]؛
- مەگەر — ئەگەر ، لېكىن ، ئەمما ئېھتىمال ؛ بەلكى ؛ ... مىكىن؛
- مەڭ — مەڭ ، خال؛
- مەڭزەمەك — ئوخشىماق؛
- مەڭگۈ
- مەڭىزلىك — ئوخشاش ، ئوخشايدىغان ؛
- مەلئۇن — لەنىتى ، لەنەتلەنگەن ، مەلئۇن؛
- مەلائ(مەلا)؛ — لىق ، تولغان ، تولۇقلۇق ، لىقلىق ؛ خىلۋەت بولمىغان جاي ؛ ۋاراڭ -چۇرۇڭغا تولغان جاي؛ ئوچۇق يەر ، ئوچۇقچىلىق ؛ توپلانىش ،
- مەلائىكە(مەلائىك)؛ — ؛«مەلەك»نىڭ كۆپلۈكى : پەرىشتىلەر؛
- مەلائىن — ؛«مەلئۇن»نىڭ كۆپلۈكى : لەنىتىلەر ، مەلئۇنلار ، لەنەت -نەپرەتكە تېگىشلىكلەر؛
- مەلاز — سېغىنىدىغان پاناھ جاي ، پاناھلىنىدىغان يەر ، باشپاناھ ؛ يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن؛
- مەلالەت(مەلال)؛ — كۆڭۈلگە يەتكەن ئېغىرچىلىق ، ئىچى سىقىلىش ، ھارغىنلىق ،مالاللىق ،ئاۋارىچىلىق؛
- مەلامەت — ئەيىبلەش ، گۇناھكار قىلىش ، گۇناھ ئارتىش ، ئابرۇيىنى تۆكۈش ،ئابرۇيسىزلاندۇرۇش ؛ تاپا قىلىش؛
- مەلامەتكەش — بىراۋغا ئەيىب ئارتقۇچى ، ئەيىبلىگۈچى ؛ ئەيىبلەشكە ئۇچرىغۇچى؛
- مەلامەتكەشلىغ — ئەيىبلەشكە ئۇچراش ؛ بىراۋنى ئەيىبلەش ، گۇناھ ئارتىش ؛
- مەلاھەت — گۈزەللىك ، چىرايلىقلىق ؛ شېرىنلىك ، يېقىملىقلىق ، جازىبە؛ [مەلاھەت نەخلى ---گۈزەللىك دەرەخى]؛
- مەلاھەتلىك — گۈزەل ، چىرايلىق ؛ شېرىن ، يېقىملىق؛
- مەلاۋىز — ؛«مەلاز»نىڭ كۆپلۈكى : سېغىنىدىغان جايلار ، پاناھ جايلار ،يوشۇرۇنىدىغان يەرلەر ؛
- مەلايىك — ق . مەلائىك؛