لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەقسۇد — مەقسەت ، ئىستەك : مەنزىل؛
- مەقسۇر — قىسقارتىلغان ، ئىخچاملانغان ، چەكلەنگەن ، چېگرالانغان ، خاسلانغان؛
- مەقسۇم — تەقسىملەنگەن ، بۆلۈنگەن ، قىسىمەت ، بۆلۈنمە؛ [مەقسۇم ئەتمەك --- بۆلمەك ، تەقسىم قىلماق ، بۆلۈپ بەرمەك]؛
- مەقسىم — بىر نەرسەنى بۆلىدىغان جاي ، تەقسىمات ئورنى ؛ چېگىرا ، پاسىل؛
- مەقلبۇبى مۇستەۋىي — ؛[مەقلبۇبى مۇستەۋىي سەنئەتى --- بىرەر جۈملە سۆز ياكى مىسرانى ئوڭدىنمۇ ،سولدىنمۇ ئوقۇغىلى بولىدىغان قىلىپ تۈزۈش]؛
- مەقلۇب — تەتۈر ئۆرۈلگەن ، ئالدى - كەينى قىلىنغان ، ئاستىن - ئۈستۈن قىلىنغان ؛
- مەقھۇر — قەھر - غەزەپكە دۇچار بولغۇچى ، تىز پۈكتۈرۈلگەن ، مەغلۇپ بولغان؛ [مەقھۇر قىلماق --- قەھر - غەزەپ ئاستىغا ئالماق ، تىز پۈك
- مەكئۇن — يوشۇرۇنغان؛ يوشۇرۇن؛
- مەكاتىب — ؛(1) «مەكتەب»نىڭ كۆپلۈكى : مەكتەپلەر ، ئىلمىي ئېقىملار؛ (2)«مەكتۇب»نىڭ كۆپلۈكى :خەت - چەكلەر ، مەكتۇپلار؛
- مەكارىم — ؛«مەكرۇمەت»نىڭ كۆپلۈكى : ياخشى ، گۈزەل ؛ ئالىيجانابلىق ، مەردلىك؛
- مەكان — جاي ، ئورۇن ، تۇرار جاي؛ [مەكان ئەيلەمەك --- جايلاشماق ،ئورۇنلاشماق]؛ [مەكان تاپماق --- ئورۇن تاپماق ؛ ئورۇنلاشماق]؛
- مەكتەب — ؛(1) مەكتەپ ؛ ئىلمىي ئېقىم؛ (2) يېزىق ئۈستىلى؛
- مەكتەبدار — ئوقۇتقۇچى ، مۇئەللىم؛
- مەكتۇب — خەت ، خەت - چەك ، مەكتۇپ ، يېزىلغان نەرسە؛
- مەكتۇبات — ؛«مەكتۇب»نىڭ كۆپلۈكى : خەت - چەكلەر ، يېزىلمىلار ،مەكتۇپلار؛
- مەكتۇم — مەخپىي ، سىر تۇتۇلغان ؛ پېچەتلەنگەن ، بېكەتىلگەن؛ [مەكتۇم ئەتمەك --- يوشۇرماق ، پېچەتلىمەك ، بېكىتمەك]؛
- مەكر — ھىيلە ، مىكىر ، نەيرەڭ ، ئالدام؛
- مەكرۇ — ھالال بىلەن ھارام ئاراسىدىكى؛ دىن مەنئى قىلغان؛ئىستىمال قىلىنىشى مەنئى قىلىنغان نەرسە؛
- مەكرۇمەت — ھۆرمەت ، شەرەپ ، ئىززەت ؛ سېخىيلىق ؛ ئۇلۇغلۇق ، مەردانىلىق؛
- مەكرۇھ — كۆڭۈل كۆتۈرمەيدىغان ، لەنىتى ، نەپرەتلىك ، يېقىمسىز ، ئىستېمال قىلىنىشى لازىم كۆرۈلمىگەن ، مەكرو؛ [مەكرۇھ تۇتماق --- ياق
- مەكرۇھات — ؛«مەكرۇھ»نىڭ كۆپلۈكى : يىرگىنىشلىك ئىشلار ،كۆڭۈل كۆتۈرمەيدىغان نەرسەلەر ، يېيىش تەشەببۇس قىلىنمايدىغان نەرسەلەر؛
- مەكس — توختاش ، تۇرۇش ، مەلۇم ۋاقىت توختاش ، تۇرۇپ قېلىش؛ [مەكس بولماق، مەكس ئەتمەك --- توختىماق ، تۇرۇپ قالماق ، ھايال بولماق]
- مەكسەب — پايدا ، كىرىم ، نەپ ؛ كەسىپ ، تىرىكچىلىك ۋاسىتىسى قىلىنغان ئىش، ھۈنەر؛
- مەكشۇف — ئېچىلغان ، قېزىپ چىقىرىلغان ، كەشىپ قىلىنغان ، ئىجاد قىلىنغان ؛ ئوچۇق ، ئاشكارا؛ [مەكشۇف بولماق --- ئېچىلماق]؛