لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەسساھ — تاناپچى ، يەر ئۆلچىگۈچى ، يەر تاناپلىغۇچى؛
- مەسقۇت — چۈشكەن ، تاشلانغان ، چىقىرىۋېتىلگەن ، ساقىت قىلىنغان ؛ تۇتۇپ قېلىنغان؛
- مەسقۇل — سىلىقلانغان ، پارقىرىتىلغان ، يالتىرىتىلغان ؛ پەرداز بېرىلگەن ،پەردازلانغان؛
- مەسكەن — تۇرار جاي ، ئۆي ، قونالغۇ؛
- مەسكەنەت — بىچارىلىق ، پەقىرلىق ، مىسكىنلىك ، كەمبەغەللىك ، يوقسۇللۇق؛
- مەسكۇن — ئادەمزات ياشايدىغان يەر ، ئادەم ئولتۇراقلاشقان جاي ، تۇرار جاي؛ [رۇبئى مەسكۇن --- يەر يۈزىنىڭ ئادەمزات ياشايدىغان قىسمى
- مەسل ھەت* — يەر ئۆلچەش؛ كەڭلىكىنى ئۆلچەش؛
- مەسلەك — مەسلەك ، يول ، غايىۋى يول ، رەۋىش؛
- مەسلەھەت — ياخشى چارە ؛ پايدا ، مەنپەئەت ؛ ياخشى نىيەت ؛ ئىش ، خىزمەت؛ مەسلىھەت ،نەسىھەت ؛ مۇۋاپىق ، لايىق؛ [مەسلەھەت كۆرمەك --- مۇ
- مەسلەھەتبىن — توغرا يول ۋە توغرا پىكىر كۆرسەتكۈچى ، مەسلىھەت بەرگۈچى ، پايدالىق پىكىر بەرگۈچى؛ كاللىسى سەزگۈر ، ئەقىللىق ، زېھىنلىك؛
- مەسلۇب — ئاجرىتىپ تاشلانغان ، ئايرىۋېتىلگەن ، يۇلۇپ ئېلىنغان ، يۇلۇپ تاشلانغان؛ تارتىۋېلىنغان ،تالان - تاراج قىلىنغان؛ [مەسلۇب ئە
- مەسلۇخ — تېرەسى شىلىپ ئېلىنغان، سويۇلغان، ئۆلتۈرۈلگەن؛
- مەسلۇك — دەسسەلگەن ، مېڭىلغان ، بېسىپ ئۆتۈلگەن ؛ تاللانغان؛ [مەسلۇك تۇتماق --- قوللانماق، بىرەر يولنى تاللىماق]؛
- مەسلىھەت — Advice(ئىسىم)-- بىر ئادەمنىڭ باشقا بىرىگە بىر مەسىلە ياكى ئەھۋال توغراسىدا بېرىدىغان پىكىر، تەۋسىيە ياكى يول كۆرسىتىشنى
- مەسمۇئ — باشقىلاردىن ئاڭلىغان ، ئىشلىتىلگەن ؛ ئورۇنلۇق ، قايىل قىلارلىق؛ [مەسمۇئ بولماق، مەسمۇئ تۈشمەك --- ئاڭلانماق]؛
- مەسمۇم — زەھەرلەنگەن؛ [مەسمۇم بولماق --- زەھەرلىنىپ ئۆلمەك]؛
- مەسنا — ئىككىدىن؛ [مەسنا ۋە سەلاسە ۋە رۇبائ --- ئىككىدىن ،ئۈچتىن ۋە تۆتتىن]؛
- مەسنەد — يۆلەنچۈك ، تايانچۇق ؛ ياستۇق ؛ تەخت ، ھۆكۈمرانلىق ئورنى ؛ يۈكسەك ئورۇن؛ [مەسنەدى ھۆسن --- گۈزەللىك تەختى]؛
- مەسنەدنىشىن — يۇقارى مەرتىۋەلىك زات ، تەختتە ئولتۇرغۇچى؛
- مەسنەدى ھۆسن — گۈزەللىك دەرەجەسى؛
- مەسنەۋىي — مەسنەۋىي ، ھەر ئىككى مىسراسى قاپىيەداش بولغان شېئىرىي ئەسەر (داستان قاتارلىق يىرىك ئەسەر شۇ شەكىلدە يېزىلىدۇ ) ؛
- مەسنەۋىيگوي — مەسنەۋىي يازغۇچى ، داستان يازغۇچى؛
- مەسنەۋىييات — ؛«مەسنەۋىي»نىڭ كۆپلۈكى : مەسنەۋىلەر؛
- مەسنوئ* — كائىنات؛